1. تاماقنى ھەددىدىن زىيادە تويۇنۇپ يېمەسلىك .
2. گەپ قىلغاندا چوقۇم ئۆزى ۋە باشقىلارغا پيدىلىق گەپ - سۆزلەرنى قىلىش ، قۇرۇق گەپ قىلىشتىن ساقلىنىش .
3. نەرسە - كېرەكلەرنى تۈرى بويىنچە رەتلەپ قويۇش ، ئىشنى مۆھلەت بىلەن ئۆز ۋاقتىدا قىلىش كېرەك .
4. چوقۇم باشقىلارغا ، ئۆزىگە كېرەكلىك بولىدىغان ، پايدىسى بولىدىغان ئىشلارغا پۇل خەجلەش ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش كېرەك .
5. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق ، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىش ، زۆرۈرىيتى بولمىغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش ۋە چەكلەش كېرەك .
6. كىشلەرنى ئالدىماسلىق ، گەپ- سۆزى ، ئىدىيەسى پاك ، دۇرۇس بولۇش كېرەك .
7.كىشلەرگە زىيانكەشلىك قىلماسلىق ، پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيتى دەپ بىلىش كېرەك .
8. چېكىدىن ئاشقان قىلمىشتىن ساقلىنىش ، باشقىلارنىڭ بەرگەن تەنبىھىنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش كېرەك .
9. كۈچىنىڭ يېتىشىچە تېنى ، كېيىن - كېچىكى ، تۇرالغۇسىنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
10. كىچىك ، ئادەتتىكى ئىشلار ئۈچۈن ، مەسىلە چىقىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى بىھۇدە ئاۋارە قىلماسلىق كېرەك .