ياپونىيە تىببىي پەن ئالىملىرى يېقىندا قېتىق ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق ئېغىز پۇراش كېسەللىكىنى داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار20 نەپەر ئېغىزى پۇرايدىغان كىشىگە 6ھەپتە كۈنىگە 2 قېتىم 90گرامدىن شېكەرسىز قېتىق ئىچكۈزگەن . نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھىدرو سۇلفىد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاسان پارلىنىدىغان سۇلفىدلارنىڭ كۆرسەتكۈچ سانىنىڭ كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى، شۇنداقلا بۇ كىشلەرنىڭ چىش باكتىرىيە دېغى ۋە چىش مېلىكى ياللۇغىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىگەنلىكى مەلۇم بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قېتىق ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىغا پايدىلىق بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە زىيانلىق باكتېرىيىلەرنى پەيدا قىلىدىغان خىمىيىلىك تەركىبلەرنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدىكەن.
|