تاجىگۈلنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى . ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، تاجىگۈل تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، يوپۇرماق كىسلاتاسى ، ۋىتامىن B1، B2 ،B4 قاتارلىقلار ۋە 21 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ، 13 خىل مىكرو ئېلېمېنت ، 50 دىن ئارتۇق تەبىئىي ئېنزىم ۋە توشۇغۇچى ئېنزىم بار ئىكەن . تاجىگۈلنىڭ تەركىبىدە %73 ئاقسىل بولغاچقا، مۇھىم ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى بولۇپ ، ئۇ 7- ئايدىن 9- ئايغىچە چېچەكلەيدۇ . گۈلى تولۇق ئېچىلىپ ، ئۇرۇقلىرى پىشقاندا ئاندىن گۈلى يىغىۋېلىنىدۇ . تاجىگۈلنىڭ گۈلىدىن باشقا ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى، غولى قاتارلىقلارمۇ دورا ماتېرىيالى قىلىنىدۇ .
گۈلى ۋە ئۇرۇقىنى سۇدا قاينىتىپ ئاياللاردىكى تامچە قۇرت كېسەللىكىنى داۋالاشقا ئىشلەتكەندە 5-10 مىنۇت ئىچىدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، تاجىگۈلنىڭ گۈلى جىگەر ، بۆرەك ، چوڭ ئۈچەيلەردىكى ئىسسىقنى يوقىتىپ ، بۇ ئەزالارنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدۇ . قاننى سوۋۇتۇپ ، قان توختىتىدۇ . تولغاق ، ئىچى سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ . قان سەپرا ، قانلىق تەرەت ، سوڭى چىقىپ قېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
گېموروي ۋە قانلىق تەرەتنى داۋالاشتا ، تاجىگۈلدىن 30 گىرام ، ئاكاتسىيە گۈلىدىن 20 گىرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ . نامازشام قارىغۇسى ، كۆز تورلىشىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ، ئىككى تال تاجىگۈل گۈلى بىلەن مۇۋاپىق مىقدارىدىكى ئۆردەك جىگىرىنى سۇدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ ياكى تاجىگۈل ئۇرۇقىدىن 10-30 گىرامنى يەتتە تال چىلان بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىستېمال قىلسىمۇ شىپا بولىدۇ .