ئوڭ قولىنى كۆپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ياشانغانلار سول قولىدا تاماق يېيىش ، چىش چوتكىلاش ، پىيالە ، ئىستاكان كۆتۈرۈش ياكى نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇش ، چاچ تاراش ، مائۇس ئىشلىتىش ، شارچە ئايلاندۇرۇش ، خەت يېزىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بېرىشى كېرەك . بۇنداق قىلغاندا سول ۋە ئوڭ مېڭە تولۇق مەشىق قىلىش ۋە ئىشلەش ھالىتىگە كىرىپ ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ئىسسىق مۇھىتتا مىكرو ئورگانىزملار تېز كۆپىيىدۇ . سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن ، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنداق چاغدا ، لىجى دەرىخىنىڭ قىزىل قوۋزىقىنى پاكىز يۇيۇپ ، قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ، ئىچى سۈرۈكنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .