كومپيۇتېر بىزگە يۇقىرى ئۈنۈم، زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، بەدەنگە بەزىبىر زىيانلارنى يەتكۈزىدۇ، مەسىلەن: تېرىدە ھەرخىل رادىئاتسىيە داغلىرى پەيدا بولۇش، تېرە قۇرغاقلىشىپ كىچىك داغلار پەيدا بولۇش، تەر تۆشۈكچىلىرى يوغىناش، كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆز ئەتراپىدا قارا داغلار پەيدا بولۇش ۋە بارغانسېرى ئېغىرلىشىش قاتارلىقلار. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا كومپيۇتېر ‹‹رادىئاتسىيە دېغى›› نىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن: 1. تېرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. تورغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئايرىغۇچى ئېمۇلسىيە سۇيۇقلۇقىنى سۈرتۈۋېلىش، توردىن چۈشكەندىن كېيىن، تېرىنى تازىلاش، يەنى ئىلمان سۇ بىلەن يۈزنى يۇيۇپ، ئېمۇلسىيە سۇيۇقلۇق قالدۇقلىرىنى، ئېلېكتروستاتىك سۈمۈرۈلگەن چاڭ – توزانلارنى پاكىز تازىلاپ، ئاندىن مۆتىدىل تېرە ئاسرىغۇچى مايلارنى سۈرتۈۋېلىش كېرەك. 2. ۋىتامىن Bنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. ۋىتامىن B ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، كەچ ئۇخلايدىغانلار، شۇنداقلا ياخشى ئۇخلىيالمايدىغانلار، تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولغان ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، يېڭى مېۋە – كۆكتات قاتارلىقلارنى، ئۇنىڭدىن باشقا گۆش، بېلىق گۆشى ۋە سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، شاكىلات، بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلارمۇ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ، شۇنداقلا تورغا چىققاندا ئىستېمال قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. 3. دائىم ئالقات ۋە سەۋزە شىرنىسىنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك. ئالقات ۋە سەۋزە شىرنىسىنىڭ كۆز ۋە تېرىنى ئاسراش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىكتۇر. ئەگەر چىرايىڭىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، كاربوناتلىق ئىچىملىكلەرنى تاشلاپ، سەۋزە شىرنىسى ياكى باشقا يېڭى مېۋە شىرنىلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنىڭ. 4. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېڭى تىپتىكى كومپيۇتېرلارنى سېتىۋېلىش كېرەك. كونا نۇسخىدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ رادىئاتسىيىسى كۈچلۈكرەك بولۇپ، ئوخشاش ئارىلىق، ئوخشاش كومپيۇتېر تىپى شارائىتىدا، كونا نۇسخىدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ رادىئاتسىيىسى بىر – ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە، ئېكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. ئېكراننىڭ يۇرۇقلۇق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ماگنىت رادىئاتسىيىسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، ئېكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى قانچە تۆۋەن بولسا، ماگنىت رادىئاتسىيىسى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. لېكىن ئېكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ بەك غۇۋا قىلىپ قويۇپ، ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
|