ئامېرىكىلىق بىر نىكاھ ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى نىكاھ بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىدا كۆرۈلىدىغان توققۇز تۈرلۈك بېشارەتنى ئوتتۇرغا قويغان . ناۋادا قايسىبىر ئەر ياكى خوتۇندا بۇ بىشارەتلەردىن تۆت تۈرلۈكى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەكى كۆرۈلسە ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن : 1 . ئەر ياكى خوتۇن ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ھەددىدىن زىيادە دىققەت قىلسا . مەسىلەن ، ئورۇقلاشنى ياخشى كۆرۈش ، ھۆسن تۈزىتىش ، ئۈنچە – مەرۋايىتقا ھەۋەس قىلىشقا ئوخشاشلار ؛ 2 . ئەر – خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىشلەر ئازلاپ كەتسە . بۇ ئەر – خوتۇنلارنىڭ ھازىرقى نىكاھ مۇناسىۋىتىگە بىپەرۋا پوزىتسىيە تۇتقانلىقتىن دېرەك بېرىدىكەن ؛ 3 . ئائىلىدىكى مال – مۈلۈكنى ‹‹ سېنىڭ – مېنىڭ ›› دەپ ئايرىسا ياكى ئۆز ئالدىغا ئايرىم پۇل ئىقتىساد قىلسا ؛ 4 . ئائىلىنىڭ مۇراسىم ئىشلىرىغا قىزىقماس بولۇپ قالسا . مەسىلەن ، توي خاتىرە كۈنى ۋە تۇغۇلغان كۈنلىرىنى خاتىرلەش ، دەم ئىلىش كۈنلىرى ئائىلە يىغىلىشلىرىغا قىزىقمىسا ؛ 5. ئۆزئارا بىللە بولۇش ئازىيىپ ، ئەل – ئاغىنە ، دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت باغلىسا ؛ 6 . تۇيۇقسىزلا خىزمەتكە بېرىلىپ كەتكەن بولۇۋىلىپ ، ئائىلىدىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرىدىن قاچسا ؛ 7 . ئەر- خوتۇن ئىككىسى كوللىكتىپ سورۇنلارغا بىللە بېرىشتىن ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنى قاچۇرسا ؛ 8 . تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ، ئائىلىدىكى ۋاقتىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتسا ؛ 9 . ئائىلە ۋە تۇرمۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانىغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالسا .
|