ئېرىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللايدىغانلىقىڭىزنى ، ئۇنىڭغا مەدەتكار بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ ھەمدە سىزمۇ ئىشىڭىزنى پۈتتۈرۈۋېلىڭ ، مەنمۇ ئىشىمنى پۈتتۈرۈۋالاي ، دەڭ . بۇنداق قىلسىڭىز ، ئېرىڭىز باش قاتۇرۇۋاتقان مەسلىنى تېخىمۇ بېرىلىپ ئويلىيالايدۇ ھەم سىزنىڭ كۆيۈنگەنلىكىڭىز ۋە ئۆزىنى قوللىغانلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولىدۇ . يەنە بۇنىڭ پەقەت بىردەملىكلا ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ . ئېرىڭىزنىڭ ئالدىراش ۋاقتىنى دوستلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىۋېلىش ئۈچۈن بېرىلگەن ئارام ئېلىش ، دەپ بىلىڭ . شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز كېرەككى ، ئېرىڭىزنىڭ ئالدىراشچىلىقى تۈگىگەندىن كېيىن ، ئىككىڭلار 2– قېتىم شېرىن ئاي ئۆتكۈزگەندەك ، تۇرمۇش لەززىتىدىن بەھرىمان بولالايسىلەر .
|