روھى جەھەتتىن داۋالاش بولسا بىر قانچە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرىنچى، كىسەلنى ساقايتىش ئىشەنچىسىگە ئىرىشتۈرۈش. ئىككىنچى، كىسەلگە بولغان داۋالاش ئۇسۇلىدا كىسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ چارە-تەدبىر قىلىش، مەسىلەن: نىرۋا كىسەللىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇش، يامان كىشىلىرىدىن ۋاقتىنچە يىراقلاشتۇرۇش، ئۇزۇقلۇق جەھەتتە خۇشپۇراق، تەملىك غىزالار بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇش، ئەگەر ئۇيقۇ كەلمىسە، مىڭىنى قۇۋۋەتلەپ ئۇيقۇ كەلتۈرگۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇش، ھاۋالىق، مەزىرىىلىك جايلاردا دەم ئالدۇرۇش بىلەن مۇۋاپىق ھەرىكەت بۇيرۇپ، نىرۋىدىكى جىمغورلۇقنى تۈگىتىش لازىم. ئۇ نېرۋا خىزمىتى جىددىيلەشكەن كىسەللەرگە مۇۋاپىق چارىدۇر. نىرۋا خىزمىتى سۇسلاپ كىتىپ، پىكىر قىلالمايدىغان ھۇرۇنلۇق بىلەن كۆپ ئۇخلاپ سەمىرىپ كەتكەن كىشىلەرگە نىسبەتەن غەم-ئەندىشە پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاش ئارقىلىق، نىرۋا خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم.