يېقىندا ئىشلەنگەن بىر تەتقىقاتتا، سېمىزلىكنىڭ ياشانغانلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىلنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بايقالدى.
تەتقىقاتچىلار ياشانغان سېمىز كىشىلەر ئۈستىدە ئىشلىگەن بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن: سېمىزلىكنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈشى ئۇلارنىڭ قىران مەزگىلىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى، ياشانغان ئەرلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش دەرىجىسىنىڭ ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا 55 ياشقا كىرىشتىنبۇرۇن بەل ئايلانمىسى چوڭايغان ئەرلەرنىڭ ئوخشاش ياشتىكى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ نىسبەتەن ناچار بولىدىغانلىقى، ئاياللارنىڭ ھەيز توختىغان مەزگىلدە كۈتۈنۈشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ناچارلىشىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەتقىقاتچىلار: نىسبەتەن ئېگىز، لېكىن بەل ئايلانمىسى چوڭ كىشىلەردىمۇ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنىڭ نورمال دائىرىدىن ھالقىپ كېتىشى بىلەن ئاڭلاش ئىقتىدارىدا ناچارلىشىش خەۋپى كۆرۈلىدۇ، بەل ئايلانمىسى ئەرلەرنىڭ 90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئاياللارنىڭ 80 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولسا، بۇ خەۋپنىڭ تەھدىتىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.