بىر ئەركىشىئابتوبۇستا يۇقىرى ئاۋازدا ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەپ كەتسە، بىرەر ئايالزەردىسى قاينىغانھالدا ئۆز- ئۆزىگە سۆزلىگەچ ئەركىن بازارنى ئايلانسا، قارىماققا بۇ تازا قاملاشمىغانئىشتەك كۆرۈنىدۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، كىشىلەر ئەنە شۇنداق ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەيدىغانلارنىڭنېرۋا كېسىلى بار دەپقاراپ كەلگەنىدى، ۋاھالەنكى، بۇ خىل كۆز قاراش كىشىلەرنىسالامەتلىككەپايدىلىق بولغان بىرخىل مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىن مەھرۇم قىلغان. پىسخولوگلار كىشىلەرنىڭ دائىم مەقسەتلىك ھالدا ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەپ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە: بىرىنچىدىن، ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىكى ئاھاڭنىڭ تىنچلاندۇرۇشرولىبولۇپ، كىشىگە بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتقىلىۋاتقاندەكتۇيغۇ بېرىدىكەن. بۇ خىل مۇناسىۋەت كىشىلەردە كەمدىن كەمئۇچرايدىغان ئۆز- ئۆزى بىلەنمۇناسىۋەت قىلىشتۇر. ئىككىنچىدىن، يۇقىرى ئاۋازدا سۆلىگەندە قالايمىقانلىشىپ كەتكەنتەپەككۇرىنى ئىزىغاسالغىلى بولىدىكەن. بولۇپمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەندە، ھېرىپ- چارچىغاندابۇنىڭئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. ئۈچۈنچىدىن،مەسىلىلەرنىئەركىن ئازادە ھالدا ھەل قىلغىلى بولىدىكەن. خۇددى ئۆز دوستىغاسۆزلەۋاتقاندەك، بەزى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا، مەسىلىنىئاشكارا ھالدائوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز پىكىرىنىمۇ ئېنىق بايان قىلغىلى بولىدىكەن. بۇجەريانداھەر خىل خاتا پىكىرلەر ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىئايدىڭلىشىپ، ئۆزئارزۇسى ۋە تاللىشىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. نېمەدېگۈسى كەلسە شۇنى دېگىلى، قاچانباشلىغۇسى كەلسە شۇ چاغدا باشلىغىلىبولىدىكەن. تۆتىنچىدىن، ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەش ئادەمگە غەيرەت ئاتاقىلىدۇ، ئادەم ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىيەلىسە، نۇرغۇنئەندىشە ۋە ئىككىلىنىشلەرنىڭئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى، كۆڭلىدىكى گەپلەرنىسۆزلىسە، مۆرىسىنى بېسىپ تۇرغان تاشنى ئېلىۋەتكەندەكيېنىكلەپقالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بەشىنچى، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.
|