قىش پەسلىدە تېرە ئاسراشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تېرىنىڭ سۇنى بەك كۆپ يوقىتىۋېتىشىدىن ساقلىنىشتۇر. تېمپىراتورىسى بىر قەدەر يۇقىرى ۋە ھاۋاسى قۇرغاق بولغان ئۆيگە داۋاملىق سۇ چېچىپ تۇرۇش ياكى ئوچاققا بىر چۆگۆن سۇ قويۇپ، سۇ ھورى ئارقىلىق ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش، شارائىتى يار بەرسە ھاۋانى نەملەشتۆرۆش ئۆسكۆنىسىنى ئىشلىتىپ، ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش لازىم. قىش پەسلىدىكى شامالمۇ تېرىدىكى سۇنى تۇيۇقسىز پارلاندۇرپ چىقىرىۋېتىدىغان بولغاچقا، يۆزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ماي تەركىبى يۇقىرى يۆز مايلارنى سۆرۆپ، تېرىدىكى سۇ مىقدارىنى ساقلاش ھەمدە تېرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. شۇڭا قىش پەسلىدە ماي تۆرىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىش لازىم. چۆنكى ئۇنىڭ تېرىدىكى سۇنىڭ زىيادە پارلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆنۆمى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنى قائىدىلىك ئىشلىتىش لازىم، ئادەتتە ئەتىگەن ۋە كەچتە يۆزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم ئىشلەتسە، ئۆنۆمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
قىش پەسلىدە ئادەمنىڭ كالپۇكى ناھايىتى ئاسان قۇرۇپ يېرىلىدۇ. شۇڭا كالپۇك يىرىڭلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېيىنى سۆركەش كېرەك. ئادەتتە لەۋ مەلھىمى بەك مايلىق بولسىمۇ، مۇشۇنداق رولى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەم تىلى بىلەن لەۋ يالاش ئادىتىنى ئۆزگەرتكىلى، ھەم لەۋ تېرىسىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. قىش پەسلىدە تېرىنىڭ قان ئايلىنىشى ئانچە راۋان بولمىغاچقا، ئېلاستىكىلىقمۇ ناچارراق بولغاچقا تېرىنى داۋاملىق ئۇۋۇلاپ، تېرىدىكى نېرۋىلارنىڭ ھارغىنلىقىى ئازايتىش ۋە تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۆرۆش كېرەك. قىسقىسى، قىش پەسلىدە تېرىنى ئاسراشتا پەقەت بۆك كىيىپ، پەلەي كىيىپ ۋە ماسكا تاقاپلا قالماي، يەنە چوقۇم قىش پەسلىدىكى تېرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن گىرىم بۇيۇملىرى ۋە تېرىنى ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا تېرىنى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.