كۆك ئۈزۈم يەنە كىشمىش ئۈزۈم چېكىلمىگەندە كۆك بولىدۇ ، چېكىلگەندىن كېيىن رەڭگى سەل ئاقىرىدۇ . جۇڭگو تېبابىتىدە كۆك ئۈزۈم ئۆپكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ ، ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ ، كۆك يۆتەل ، نەپەس سىستېمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار يېسە ئەڭ مۇۋاپىق .
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، بەك چارچاپ كەتكەنلەر ، بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەنلەر ، قېنى ئازلار دائىم ئۈزۈم يېسە مەنپەئەت قىلىدۇ ؛ قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار ، تال–ئاشقازىنى ئاجىز ، سوغۇقى ئېشىپ قالغانلار ۋە دىيابېت كېسىلى بارلار كۆپ يېسە بولمايدۇ .