1 . قورساق ئاچقاندەك ھېس قىلىش : نۇرغۇن بىمار قورساق ئاچقاندەك ھېس قىلىشنى قاندىكى قەنت تەركىبىنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ ئالامىتى ، دەپ قارايدۇ . ئەمما بىر قىسىم بىمارلاردا ئىنسۇلىنغا قارشى ئالامەت بولغاچقا ، قاندىكى قەنت تەركىبى يۇقىرى بولسىمۇ ، بەدىنى ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ ھەم قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلىدۇ . شۇڭا قورساق بەك ئاچقاندەك ھېس قىلسا ، چوقۇم قاندىكى قەنت تەركىبىنى تەكشۈرتۈپ ، قارىغۇلارچە داۋالىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
2 . ئۇسساش : ئۇسساش قاندىكى قەنت تەركىبى ئېشىپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى . شۇڭا سۇ ئىچىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى قاندىكى قەنت تەركىبى ئېشىپ كەتكەنلىكى ياكى بەدەندە سۇ كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك .
3 . ھارغىنلىق : قاندىكى قەنت تەركىبى تۇراقسىزلاشسا ، بىمار ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . شۇڭا پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلانغاندا ، قاندىكى قەنت تەركىبىنى تەكشۈرتۈپ ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش كېرەك .
4 . ئاپتوموبىل ھەيدەش : بىمارلار قېنىدىكى قەنت تەركىبى ئۆرلەپ ياكى تۆۋەنلەپ كەتكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىسە ناھايىتى خەتەرلىك . قاندىكى قەنت تەركىبى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا ، كەمپۈت دېگەندەك نەرسىلەرنى يەپ ، 15 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە تەكشۈرتۈپ ، نورمال چىقسا ئاندىن قايتا يولغا چىقسا بولىدۇ . قان تەركىبى يۇقىرى چىقسا ئەڭ ياخشىسى ئاپتوموبىل ھەيدىمىگەن ياخشى .
5 . ئۇيقۇسى بەك قاتتىق بولۇش : بەزى بىمارلارنىڭ ئۇيقۇسى بەك قاتتىق بولۇپ ، قاندىكى قەنت تەركىبى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسىمۇ ئۇيقۇسى قاتتىق بولۇپ كېتىدۇ . يېقىندىن بۇيان قاندىكى قەنت تەركىبى مۇقىم بولمىسا ، ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ، قوڭغۇراقلىق سائەتنى توغرىلاپ قويۇپ يېرىم كېچىدە يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىش لازىم .
6 . مىجەزى چۇسلىشىش : قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەن بولسا ، ئادەم تەرسا بولۇپ قالىدۇ ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋاللاردا قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك .
7 . بېسىم كۈچىيىش : ئائىلىدىكى ئۆزگىرىش ۋە خىزمەت بېسىمى قاتارلىقلارمۇ قاندىكى قەنت تەركىبىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ . ئادەم داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىسا ، قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەكشۈرتۈشكە توغرا كېلىدۇ .
8 . ئالدىراشلىق : ئالدىراشلىق ئادەمنىڭ قېنىدىكى قەنت مىقدارىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ .
9 . چېنىقىش : ھەرىكەت قىلغاندا قاندىكى قەنت تەركىبى سەل ئۆرلەپ ، ئارقىدىن يەنە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . شۇڭا مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك .
10 . بىئارام بۇلۇش : دىيابېت كېسىلىگە1 گىرىپتار بولغانلار بەدەننىڭ ئىنكاسىنى سېزىشكە ماھىر بولۇشى ، ھەر قانداق بىئاراملىق ھېس قىلسا ، تېزدىن قاندىكى قەنت مىقدارىنى ئۆلچەپ كۆرۈش كېرەك .