تاتلىق بەرەڭگە (خۇڭشۇ) دا ئېتىلگەن شوۋىگۈرۈچ بەدەنگە ئىنتايىن پايدىلىق . ياپونىيە دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزى 20 خىل راكقا قارىشى كۆكتاتنىڭ ئىچىدە تاتلىق بەرەڭگىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . جۇڭگو تىبابىتىدە : ‹‹تاتلىق بەرەڭگە چارچاشنى تۈگىتىش، روھنى ئۇرغۇتۇش ، مىجەزنى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە ›› دېيىلگەن . تۇنۇشتۇرۇلۇشچە، تاتلىق بەرەڭگىدە ئېرىشچان تالا ۋە كۆپ مىقدارىدىكى زەمبۇرۇغلار بولۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرغاندىن سىرت، بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە ئىكەن.
تاتلىق بەرەڭگىنى باشقا ئاشلىقلار بىلەن ئۇماچ قىلىپ يېيىش بىر قەدەر مۇۋاپىق . ئايرىم يېگەندە ، ئاقسىل مىقدارى كېمىيىپ كېتىپ ، ئوزۇقلۇق تەكشى قوبۇل قىلىنمايدۇ . شۇڭا تاتلىق بەرەڭگىنى قەلەمچە قىلىپ توغراپ گۈرۈچ بىلەن بىللە قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىچىش بىر قەدەر ئىلمىي ئۇسۇلنىڭ بىرى.