بەش مىسقال زەنچىۋىلنى يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ، قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچكۈزسە، ئىككى كۈندە ساقىيىدۇ. كۆكيۆتەل)بالىلارنىڭ دېمى سىقىلىشى( نى داۋالاش: بىر باش پىيازنى ئاقلاپ، يەنچىپ، ئۈچ مىسقال قۇم شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن بىر سەر قايناقسۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇدا ئىككى كۈن ئىچكۈزسە، بالىلارنىڭ يۆتىلىگە ۋە دېمى سىقىلىشىغا تېز مەنپەئەت قىلىدۇ. بالىلارنىڭ كېچىدە يىغلىشىنى داۋالاش: ئاخشىمى يىغلاپ ئۇخلىمىغان بالىلارنىڭ كىندىكىگە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر چىمدىم پەمىلە چاينى چايناپ چاپلاپ، داكا بىلەن ئوراپ قويۇپ، ئەتىسى ئېلىۋەتسە بولىدۇ، شۇ تەرىقىدە ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرسا، بالىلار يىغلىمايدىغان بولىدۇ. كېچىسى سىيىپ قويىدىغان بالىلارنى داۋالاش: بىرتال سۇڭپىياز يىلتىزىنى ئېزىپ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بالىلارنىڭ كىندىكىگە چېپىپ، داكا بىلەن تېڭىپ، ئەتىسى ئېلىۋەتسە بولىدۇ، شۇ تەرىقىدە 4 _ 5 كۈن داۋاملاشتۇرسا، بالىلار كېچىسى سىيمەيدىغان بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈش، قورسىقى كۆپۈشنى داۋالاش: بىر باش سامساقنى پوستى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈپ، يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ، قۇم شېكەرنى مۇۋاپىق سېلىپ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئىچكۈزسە، ئىككى _ ئۈچ كۈندە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ. بالىلارغا كالتسىي تولۇقلاش: بەش مىسقال راك پوستىنى بىر سەر خەيدەي بىلەن قاينىتىپ تۇز سىلىپ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن يېرىم ئاي ئىچكۈزسە، يېرىم ئايدا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىزلىقىنى داۋالاش: ئۈچ مىسقال دولانا بىلەن بىر مىسقال قانىسە )توخو تاشلىقىنىڭ ئىچكى سېرىق پەردىسى( نى يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ پىشۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم تاماقتىن بۇرۇن يېۋېتىش كېرەك، ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرسا ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. ئاشقازان كېسىلىنى داۋالاش: فۇراكسوندىن 100 تال، تېررامىتسىندىن 50 تال تەييارلاپ، تۆت سەر تۇخۇم شاكىلى تالقىنىنى گلوكوزا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر قېتىمدا تۆت مىسقالدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىككى تال فۇراكسون، بىر تال تېررامىتسۇن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ. دورا ئىچكەن مەزگىلدە ھاراقتىن پەرھىز قىلىش كېرەك
|