پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • زەكەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ھەم جىنسىي تۇرمۇش
  • تـــــــــــــــــوي كىچىسى
  • جىنسى مۇناسىۋەت جەريانى
  • جىنسى لەۋنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوغان بولۇشى
  • قىز ۋە قىزلىق پەردىسى
  • ئاجايىپ قىززىق ئىككى ‹‹تۆت مىنۇت››
  • جىنسى ئالاقە قىلىش قېتىم سانى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك
  • زەكەرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى قانچە بولسا نۇرمال
  • پۇراق ۋە جىنسىي تەلەپ
  • مەنىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتسە ، ھامىلدار بولامدۇ؟
  • جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش
  • ھەقىقى قىزىقىشقا تىگىشلىك ئاياللار
  • تويدىن بۇرۇنقى جىنسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زىيىنى
  • جىنسىي تۇرمۇش چىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغا ...
  • زېرىكىشلىك جىنسىي تۇرمۇشنى تەڭشەشنىڭ 6 خىل ئۇسۇلى
  • ئاياللاردا جىنسىي تەلەپنىڭ كەمچىل بولۇشى
  • ئەڭ يېڭى تەتقىقات : بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قېلىشقا 8.2 سېكۇنت ...
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • جىنسىي ئاجىز لىقنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنىڭ پرىنسىپل ...
  • جىنسىي ھېسسىيات سۇسلىشىش
  • ئەرلەرنىڭ چىچى بۇرۇن چۈشۈپ كىتىشنىڭ سەۋەپلىرى
  • ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق
  • مۇھەببەت بۇزۇلۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى
  • ئەرلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتە قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ...
  • سېمىزلىك ۋە جىنسىي ئىقتىدار
  • خانىم قىزلار ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى
  • ھاراق ۋە مەنى بالدۇر چىقىپ كېتىش
  • مەنى قانچە كۆپ بولسا ، شۇنچە ياخشى دىگەن كۆز قاراش خاتا ...
  • تاماكا تاشلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
  •  
    سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى
    يوللىغان ۋاقىت:2010-08-25 ئاۋاتلىقى:246
    كىچىك | نورمال | چوڭ             
         ئادەتتە، سېمىزلىك يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ توغرا بولماسلىقى، ئىرسىيەت ئامىلى، كېسەلسەۋەبى قاتارلىقلاردىن بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ توغرا بولماسلىقى نۇرغۇن كىشىنىڭ سەمرىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا توغرا يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شۇ ئارقىلىق سېمىزلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى قاتارلىق ھەرخىل كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
    1. سېمىز قوي، كالا گۆشى قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. سېمىز گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ياغلار بەدەندە ھاسىل قىلىدىغان ئېنېرگىيە كۆپ بولىدۇ، ئېنېرگىيە زىيادە بولۇپ كەتسە، سەرپ بولماي قالغان ئېنېرگىيە بەدەندە ياغقا ئايلىنىپ ساقلىنىدۇ - دە، بارا - بارا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا سەل ئورۇق قوي، كالا گۆشىنى ئىستېمال قىلغاندا بەدەنگە كېرەكلىك ئاقسىلنى تولۇقلىغىلى، بەدەندە ياغنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ئالىدۇ.
    2. تاماق يەپ بولۇپلا يېتىۋالماي، يېنىك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بېرىش كېرەك. بەزىلەر تاماق يەپ بولۇپلا، يېتىپ تېلېۋىزور كۆرىدۇ، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنلا ئۇخلىۋالىدۇ. بۇ ناچار ئادەت داۋاملىشىۋەرسە سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىش قاتارلىق يېنىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا، بەدەندە ئوشۇق ھاسىل بولغان ئېنېرگىيىنى خورىتىپ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە ياغقا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    3. كەچلىك تاماقنى بالدۇر، ئاز، ياغسىز يېيىش كېرەك. ئادەتتە، سەمرىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى كەچلىك تاماق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كەچلىك تاماق بەك كېچىكىپ قالسا ياكى بەك ياغلىق بولۇپ كەتسە، ئاسانلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كەچلىك تاماققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
    4. يېڭى كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. يېڭى كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار خولېستېرىننىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى چەكلىسە، يەنە بەزىلىرى قاندىكى خولېستېرىننى ئازلىتىدۇ، مېۋە - چېۋە تەركىبىدىكى ھەرخىل ۋىتامىنلار ئارتېرىيە قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەسىلەن: تەرخەمەك تەركىبىدە پىروپىل ئاكوھول كىسلاتاسى بولۇپ، يېمەكلىكتىكى كاربون - سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ بەدەندە ياغقا ئايلىنىشىنى توسىدۇ. يېشىل ماش ئۈندۈرمىسىنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرىراق بولۇپ، بەدەن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدىغان ئىسسىقلىق ئازراق بولىدۇ ھەم تېرە ئاستىدا ئاسانلىقچە ياغ يىغىلىپ قالمايدۇ.
    5. يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ تۇزىنى كەمرەك قىلىپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
    6. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. تاتلىق يېمەكلىكلەردە كۆپ مىقداردا قەنت ماددىسى بولىدۇ. قەنت ئېنېرگىيىنىڭ بىۋاسىتە ئىشلىتىلىش شەكلى بولۇپ، ئەگەر ئۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئوخشاشلا ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە ساقلىنىدۇ. شۇڭا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلماسلىق، بولۇپمۇ قورساق توق ۋاقىتتا كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.
    7. تاماقنى زىيادە يېمەسلىك كېرەك. بەزىلەر ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېسە ياكى يېمىسە سېمىزلىكنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قاراپ، باشقا تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى تويغۇچە يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش. ئادەم بەدىنىنىڭ ئاقسىل، ياغ، قەنت قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىنى پارچىلاپ، قايتىدىن سېنتىزلەش جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ. بەدەننى كېرەكلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ۋە بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىشىدا بۇ ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ماددا بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر - بىرىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا مەلۇم خىل يېمەكلىكنى كۆپ يېگەندە، بەدەن تەرىپىدىن پايدىلىنىپ ئېشىپ قالغان بىر قىسمىنى ياغلارغا ئايلاندۇرىدۇ، يەنە بىر قىسمىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇڭا ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلمىغان تەقدىردىمۇ باشقا خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار زىيادە بولۇپ كەتسە، ئوخشاشلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    8. قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندىمۇ سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 13139888848 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ