
روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ تۈنۈگۈن: قولغا چۈشكەن دېڭىز قاراقچىلىرىنى سوتلاش ئۈچۈنن، بىر خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوتى قۇرۇش تەكىلىپىنى بېرىمىز، دېدى.

تۈنۈگۈن فرانسىيىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر تۈرمە ئالدىدا گۇندىپانلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشۇپ قالدى، چۈنكى شۇ كۈنى نەچچە مىڭ تۈرمە ساقچىسى تۈرمىدىكى قىستاڭچىلىقىنى تۈگىتىش، خىزمەت شارائىتى ۋە خىراجەت جىددىيچىلىكىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلىغانىدى

ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلىس شەھىرىدىكى بىر ساتىراشخانىغا خېرىدار تولۇپ كەتتى، چۈنكى شۇ كۈنى بۇ ساتىراشخانا ئوبامانىڭ باش سۈرىئىتىنى چاچ پاسونىنىڭ مودېلى قىلغانىدى.

ئەنگلىيىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە : بالىسىنى نورمال ئەمدۈرۈش ئىقتىدارى يوقلۇقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن بىر ئانا ئالدىنقى كۈنى بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالدى، دېيىلدى.