يېلىنجاپ تۇرغان ئوتنى كۆرىسىز
*
ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇس بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ، ئۇنىڭ رەڭدار ، يېشىل كۆزلىرىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ ، ھەزىل قىلغۇم كەلدى :
ــ تۇرسۇنئاي خانىم ، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە يېشىل يېمەكلىكلەر يەتكۈدەك ئوخشىمامدۇ ؟ ــ دېيىشىمگىلا ، يازغۇچى خانىم كۈلۈپ قويۇپ ، سۆزنى ئەگىتمەي ، بىردىن ئۇدۇل جاۋاپ بېرىشكە باشلىدى .
ــ كۆزىڭىز نىچۈك يېشىل دېمەكچىسىزغۇ ، ھەقاچان؟ كىچىك چېغىمدا كۆزلىرىم شۇنچىلىك روشەن ، شۇنچىلىك يېشىل ئىكەنكى ، چوڭ دادام ئاپامغا : «قىزىم ، بۇ بالىنى يەرگە قويماڭ ، يەرگە قويسڭىز كۆزىنى توخۇ چوقۇۋالىدۇ » دەيدىكەن . سەل چوڭراق بولغاندىن كېيىن ، يېشىل كۆزلىرىم تەڭتۇشلىرىمنىڭ مۇلايىم ، تىنىق قوي كۆزلىرى ئارىسىدا بىر ئىچكى ھېسىياتتىن دېرەك بېرىپ ، تېخىمۇ ۋال - ۋۇل چاقنايدىغان بولدى .
ــ ئۇ قانداق ھېسىيات بولغىيدى ؟
ــ ئۇ ـ ئوتلۇق ھېسىيات . شۇنداق ، مېنىڭ قەلبىمدە يېنىپ تۇرغان بىر ئوت بارئىدى . بۇ ئوت مېنى بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا ئۆزگىچە مىجەز ، ئۆزگىچە ئوي - پىكىرگە ئىگە قىلدى .
ــ ئۇ ئوتلار ھازىرمۇ بارمىدۇ ؟ ــ دېدىم مەن كۈلۈپ .
ــ كۆزۈمگە سىنجىلاپ قارىسىڭىز ، بۇ ئوتنىڭ ھازىرمۇ يېلىنجاپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز . بۇ ئوت دۇنيادىكى بارلىق گۈزەل نەرسىلەرگە ، چىنلىققا ، ياخشىلىققا بولغان تۇغما ئاشىقلىق ئىدى . مەن ھاياتتىن ئەنە شۇلارنى ئىزدىدىم ، ئۇنى تولىراق ئەدەبىياتتىن ــ كلاسسكلار ۋە ھايات مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەقىل ئۇچقۇنلىرىدىن تاپتىم . ئوتقا ئوت قوشۇلۇپ ، قەلبىمدە گۈلخان لاۋۇلدىدى . بۇ گۈلخان مېنى بىردەممۇ جىم تۇرغۇزمايىتتى ، ئاغزىم كۈلكىدىن يۇمۇلمايىتتى . شوخ ، يېشىل كۆزلۈك كېپىنەككە ئوخشايىتتىم .قەلبىم ھاياتقا ، كەلگۈسىگە بولغان ھەسەن - ھۈسەندەك رەڭدار ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن تولغانىدى . ۋاقتى كېلىپ ، ھەۋەس - قىزىقىشى ئۆزۈمگەئوخشاپ كېتىدىغان ، قارا قاش ، قارا كۆزلۈك ، كېلىشكەن بىر يىگىت ــ ئۆز ساۋاقدىشىم بىلەن توي قىلدىم . بەخىتلىك بولدۇم .
ــ بۈگۈن مەن بەخىتلىك . نەۋرە شادلىقى، ۋاپادار ھەمراھىمنىڭ غەمخورلىقى ، دوستلىرىمنىڭ ساداقىتى مېنى قايتا ياشارتتى . مەن يۈرىكىمدە گويا بىر ئاشىقنىڭ ئوتىدەك لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوتنى تېخىمۇ زور غەيرەت - شىجائەتكە ، ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىلھامغا ئايلاندۇرۇپ ، ھايات ھەققىدە ، ئانا زىمىن ھەققىدە ، ئۆزۈم تونۇغان ، بىلگەن ئاددىي كىشىلەر ھەققىدە ئاجايىپ ئەسەرلەرنى يازسام دەيمەن !
ــ ئىلاھىم ، تىلىكىڭىز قوبۇل بولغاي !
مەنبە : غىلاجىدىن ئوسمان . « پۈتۈلمىگەن پۈتۈكلەر »
[ مەزكۇر پۈتۈك ئىدىل تەرىپىدىن 2009-05-06 09:09 دە تەھرېرلەندى. ]