
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو - كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيىسى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «ئەزىم دەريا» ناملىق كىنو تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا تۇنجى مەيدان قۇيۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى بۇ فىلىمنى كۆردى.
فىلىم ۋەقەلىكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خىزمەتچىسى چىن داخېنىڭ چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەنلىكىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا چىن داخېنىڭ روسىيىلىك قىز تونىيا بىلەن بولغان مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە چىن داخې دادا - بالا ئىككى ئەۋلاد سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خىزمەتچىلىرىنىڭ تارىم دەرياسىنى تېخىمۇ ياخشى تۈزەپ، ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىش ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئاخىرى تارىم دەرياسى 1- قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىك جەريانى تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. رېژىسسور گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: بىز كۆرۈش سەزگۈسى نوقتىسىدا خېلى كۈچ چىقاردۇق. كىشىلەرگە تونۇشلۇق بۇ ھىكايە كىشىلەرگە تونۇش جايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا تارىم دەرياسىنى تۈزەش يولىدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن".
« ئەزىم دەريا» ناملىق بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ناھايىتى تەسىرلىك بولۇپ، پرسۇناژلارنىڭ تىلىمۇ ئىنتايىن جانلىق ئېلىنغان. تاماشىبىن چىڭ پىڭ بۇ كىنونى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: "بۇ كىنونى كۆرگەندىن كېيىن تۇلىمۇ تەسىرلەندىم، ئىلگىرى تارىم دەرياسىنى ئۇنچە چۈشەنمەيتىم. بۇ
فىلىم ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى چۈشەندىم. بۇنىڭدىن ياشلارنىڭ تېخىمۇ تېرىشىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم". تارىم دەرياسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى قارارلىق باشلىقى بولغان، ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان جۇ شياڭمىڭ مۇنداق دېدى: "مەن تارىم خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ فىلىمنى كۆرۈپ تۇلىمۇ خوشال بولدۇم ھەمدە نەچچە ئەۋلاد سۇچىلىق خىزمەتچىلىرىنىڭ تارىم دەرياسىنى تۈزەش خىزمىتىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم".
ئىگىلىنىشىچە، « ئەزىم دەريا » ناملىق بۇ فىلىم نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى چوڭ كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىغان.