
ئامېرىكا زۇڭتوڭى ئوباما ئاق سارايدا خەلقئارا باج سىياسىتىگە قارىتا يېڭى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا
شىنخۇا تورى بېيجىڭ 4 – ماي تېلېگراممىسى : 3 – ماي ، ئىتالىيە ( FIAT ) ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىش شىركىتى مۇنۇلارنى دەلىللىدى : ئىتالىيە ( FIAT ) ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىش شىركىتى ئامېرىكا ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بىلەن بۇ شىركەتنىڭ ياۋروپادىكى تىجارىتىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتقان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىدىكى ئۈچىنچى چوڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Chrysler ۋە ئامېرىكا ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپادىكى تىجارىتىنى مونوپۇل قىلىپ ، ياۋروپانىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپتوموبىل سودىسى ساھەسىدىكى خوجايىنغا ئايلىنىش ئىكەن .
4 – ماي ئامېرىكا زۇڭتوڭى ئوباما ئاق سارايدا خەلقئارا باج سىياسىتىگە قارىتا يېڭى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندى تەشكىلاتى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن دوكلاتى ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ، بۇ يىل مالىيە قىزىل رەقىمى شۇ دۆلەتنىڭ
شۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن نىسبەتلەشتۈرگەندە يۇقىرى بولغان دۆلەتلەر ئايرىم – ئايرىم ھالدا : برازىلىيە ، ئاۋسترالىيە ، ھىندونېزىيە ، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە كورىيە قاتارلىق بەش دۆلەت .
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى 10 دۆلەت ۋە جۇڭگو ، ياپونىيە ، كورىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئاسىيا رايونىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپاس ئامبىرى بۇ يىل ئاخىرىدا رەسمىي قۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
تېپلىتون مال – مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى چولپان فوندى دىرېكتورى مارك موبىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئۆسۈمنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ يېنىكلىشى مەبلەغ بازىرىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ .
مىكسىكا ھۆكۈمىتى A تىپلىق H1N1 تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ زەربە بېرىشى بىلەن تىبابەتتە ئىشلىتىدىغان ئىسپىرت قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ ئىمپورت تامۇژنا بېجىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .