
شىنخۇا تورى تېھران 5 – ماي تېلېگراممىسى : ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 5 – ماي خەۋەر قىلىشىچە ، ئىراننىڭ 10 –نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نامزاتىنى تىزىملاش خىزمىتى 5 – ماي رەسمىي باشلانغان .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى تىزىملاش خىزمىتى 9 – مايغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، نامزاتلار ئۆزى ياكى ۋەكىل ئەۋەتىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالىرىنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تاپشۇرىدىكەن .
ئىران قانۇنىدا ، زۇڭتۇڭ نامزاتى چوقۇم ئىراننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇشى ، يېشى 18 ياشتىن ئاشقان ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ، ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قانۇنى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغان ھەمدە بەلگىلىك سىياسىي ۋە دىنىي ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان بولۇشى كېرەككەن . ئىران
ئاساسىي قانۇن ۋەسىيلىك كومىتېتى تىزىملاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىپ چىقىدىكەن ، ئاندىن زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىكەن .
دۆلەت مەنپەئەتى كومىتېتىنىڭ كاتىپى Rezaei ئىراننىڭ سابىق زۇڭلىسى مۇساۋىي ، سابىق پارلامېنت باشلىقى كارۇبى ۋە سابىق ئىسلام ئىنقىلابى قوغداش ئەترىتىنىڭ باش قوماندانىنىڭ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى زۇڭتۇڭى ئەخمەدى نىجاد سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلمىغان ، لېكىن ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئەخمەدى نىجادمۇ سايلامغا قاتنىشىدىكەن .