بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار بۆلۈمىدىكى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟
-
ئاياللار بۆلۈمىدىكى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-12 ئاۋاتلىقى: 1207 قېتىم1. بالىياتقۇدىكى ھامىلدارلىقتىن ساقلاش سايمانلىرى: شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلمىغاندا باكتېرىيەلەرنىڭ بۆسۈپ كىرىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش سايمانلىرىنى سالدۇرۇش بەدەندە بىۋاسىتە جىددىي خاراكتېرلىك قۇشۇمچە ئەزا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، پەقەت ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش سايمانلىرىنى سالغان ۋاقىتتا مىكروبسىز مەشغۇلات قائىدىسىگە دىققەت قىلمىغاندا ياكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش سايمانلىرىنى سالدۇرغاندىن كېيىن شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلمىغاندا ئاندىن ياللۇغلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.يانفوندا كۆرۈش
2. «قىزىل چىراق» نى بۆسۈپ ئۆتۈش: ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە باكتېرىيەلەرنى ئېلىپ كىرىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش پەقەت جىددىي خاراكتېرلىك قۇشۇمچە ئەزالار ياللۇغىنىڭ قوزغاتقۇچى ئامىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاياللار بۆلۈمىدىكى باشقا ياللۇغلۇق كېسەللىكلەرنىڭمۇ كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئامىلى.
4. جىنسىي كېسەلدىن يۇقۇملىنىش: كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيەلەر شىللىق پەردىلەرنى بويلاپ يۇقىرىغا قاراپ تارقىلىپ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، تۇخۇمداننى يۇقۇملاندۇرۇپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئۇزۇن ئولتۇرۇش: ھەرىكەت ئاز بولغاندا قان ئايلىنىش بولۇپمۇ تۆۋەنكى مۆچىنىڭ قان ئايلىنىشى راۋان بولماي، ۋىنالار قايتىشىنىڭ تۇسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. داس بوشلىقىنىڭ ئالاھىدە ئاناتومىيەلىك تۈزۈلىشى قاننىڭ قايتىشىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇپ، بالىياتقۇ-قۇشۇمچە ئەزالارنىڭ نورمال ھالدىكى زەھەرنى چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا باشقا ئەزالارغا تەسىر قىلسا، ناھايىتى ئاسانلا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. داۋاملىق تار ئىشتان كىيىش: ئارىلىق قىسىمغا ھاۋا ئۆتۈشمەي، جىنسىي يول ئاجراتما ماددىلار يىغىلىپ قىلىپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۇقىرىغا قارىتا تارقىلىپ، قۇشۇمچە ئەزا ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
7. سىرتقى جىنسىي ئەزانى يۇيۇش توغرا بولماسلىق: مەسىلەن، ئاۋال مەقئەت قىسمىنى يۇيۇپ، ئاندىن ئارىلىقنى يۇيۇش، مەقئەت قىسمىدىكى باكتېرىيەلەرنى جىنسىي يولغا ئېلىپ كىرىدۇ، ياكى ھەيز مەزگىلىدە داستا يۇيۇنۇش قاتارلىقلار، بۇنداق بولغاندا كېسەللىك مىكروبلىرى ئىچكى كۆپىيىش ئەزالىرىغا بۆسۈپ كىرىدۇ.
بەزى كىشىلەر خاتا ھالدا سىرتقى جىنسىي ئەزانى سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇش ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارايدۇ، ھەتتا سىرتقى جىنسىي ئەزادا قىچىشىش كۆرۈلسە ئىسسىق سۇ بىلەن قىززىق يۇيسا، ناھايىتى راھەت بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمىليەتتە، سىرتقى جىنسىي ئەزاغىمۇ ئېغىز بوشلىقىغا ئوخشاش باكتېرىيەلەر بۆسۈپ كىرىدۇ، شۆلگەي سۇيۇقلىقى بىلەن جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارى بولىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى جىنسىي يولدەك مەينەت ئەمەس، بىراق بىز نېمە ئۈچۈن ئەتىگەن-كەچتە چىش چوتكىلايمىز، ئوخشاش قائىدە بويىچە ئۇياتلىقنىمۇ كۈندە پەرۋىش قىلىپ تۇرۇش لازىم، ph قىممىتى 4 بولغان ئاجىز كىسلاتالىق ئاياللار پەرۋىش سۇيۇقلىقى ئەڭ ماس كېلىدۇ، ئۇ ئاياللار ئۇياتلىقىنىڭ ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ.
8. باشقىلار — بەدەندىكى باشقا ئورۇنلاردا يۇشۇرۇن ساقلانغان كېسەللىك ئوچاقلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا، كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيەلەر قان ئارقىلىق تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ۋە تۇخۇمدانغا ئىقىپ بېرىپ ئورۇنلىشىپ، سىل خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ؛ داس بوشلىقى ياكى تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىگە قوشنا ئەزالاردىكى ياللۇغلىنىش، مەسىلەن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى قۇرساق پەردىسى، داس بوشلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قۇشۇمچە ئەزالارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ياللۇغلىنىش ئادەتتە يېقىن قوشنا بولغان بىر تەرەپ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ۋە تۇخۇمدان بىلەن چەكلىنىدۇ. جىنسىي كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار جىنسىي تۇرمۇشسىزمۇ كۆپىيىش يوللىرىغا بۆسۈپ كىرىدۇ، مەسىلەن كاماندوروپكىغا چىقىپ، مىھمانخانىدا ياتقاندا بىلمەستىن جىنسىي كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان كىشى ئىشلەتكەن ۋاننىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلار. . .تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئاسانلا ئاياللار كېسەللىكىگە
2015-11-22 02:05:542717قىزلارغا سۆز
2015-12-14 13:37:531372قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 4-سان
2016-03-19 20:24:101863ئېرىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلاي دېسىڭىز
2015-12-22 12:59:433963ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان ئالتە
2015-12-28 15:09:583470ئاياللارنىڭ تەلىپىنى مۇنداق قاندۇرۇڭ
2015-10-18 11:43:374446ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ؟
2016-01-29 13:44:082274يالغان قىزلىق بىلەن ئېرىنى ئالدىغان قىز~توۋا ئىن
2016-02-09 14:15:368014
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-