بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى دېگەن نېمە؟
-
ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى دېگەن نېمە؟
ۋاقتى: 2016-06-07 ئاۋاتلىقى: 1736 قېتىمسىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى كۆپىنچە سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى سەۋەبلىك قوزغىلىدۇ، ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىغان سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى، ۋىروس خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش، تۇبېركۇليۇز، جىنسىي كېسەللىك، ئۆسمە قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى سىرتقى جىنسىي ئەزا ئەتراپىدا يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن، كىچىك جىنسىي لەۋ، چوڭ جىنسىي لەۋ ئىچكى تەرىپى، دالانچە شىللىق پەردە ھەم ماتكا ئېغىزى قاتارلىق ئۇرۇنلاردا. سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى جىددىي خاراكتېرلىك ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك بولىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى كۆپىنچە ياش ئاياللاردا، قىزلاردا، بولۇپمۇ بەدىنى ئاجىز ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلەردە يۈز بېرىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك قوزغىلىش جىددىي، يوقىلىشىمۇ بىر قەدەر تېز بولىدۇ، كۆپىنچىسى 2~3 كۈنگىچە ياكى 1 ھەپتە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. كېسەللىك قوزغىلىشتىن بۇرۇن پۈتۈن بەدەندە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ ماغدۇرسىزلىنىپ، سوغۇق تەرلەپ قىزىتىدۇ. سىرتقى جىنسىي ئەزادا ئاۋۋال قىچىشىش، كۆيۈشۈش، ئاغرىش ياكى كىچىك ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، كېيىن بۇ تېشىلىپ سىرتقى يۈزىدە يارا پەيدا بولىدۇ. يارا چەمبەر شەكلىدە ياكى قائىدىسىز بولۇپ سىرتقى يۈزىدە يىرىڭ ياكى ئاجراتما ماددا چىقىپ تۇرىدۇ. يارا ئەتراپىغا قان تولۇپ سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. تەخمىنەن 2~3 ھەپتىگىچە ساقىيىپ كېتىدۇ.يانفوندا كۆرۈش
سوزۇلما خاراكتېرلىك سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى يەنى ئۆسمە ۋە تۇبېركۇليۇز قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك قوزغىلىشى ئاستا، دەسلەپتە كىچىك تۈگۈن ياكى ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، كېيىن تېشىلگەندىن كېيىن يارا پەيدا بولىدۇ، ئاغرىش ئانچە ئېغىر بولمايدۇ، تىرىك تەن توقۇلمىسى تەكشۈرۈشى ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئاياللار يانبىلوگى خاس يازمىسى (ئاياللار يانبىلوگى «ئاياللار جىنسىي يول كېسەللىكىدىن 85 سوئال» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى)
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەرلەر ئاياللارنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندن كېيىن مۇ
2015-12-26 12:26:453548ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىنكى يەتتە يىل ئىچىدە قا
2015-12-03 14:27:052438[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:13:162519بىر بەختلىك ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببەت كېلىشىمى
2016-01-18 16:59:421526ئاياللار ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
2016-01-30 18:45:293579ھامىلدار ئاياللار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار
2015-12-31 18:00:002021نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى يىلتىز، كۆكسى
2015-12-11 20:13:413644قىزلار نېمىشقا بالدۇر يېتىلىپ قالىدۇ؟
2016-01-26 19:55:433104
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-