ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى دېگەن نېمە؟

ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-06-07 ئاۋاتلىقى: 1736 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى كۆپىنچە سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى سەۋەبلىك قوزغىلىدۇ، ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىغان سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى، ۋىروس خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش، تۇبېركۇليۇز، جىنسىي كېسەللىك، ئۆسمە قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى سىرتقى جىنسىي ئەزا ئەتراپىدا يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن، كىچىك جىنسىي لەۋ، چوڭ جىنسىي لەۋ ئىچكى تەرىپى، دالانچە شىللىق پەردە ھەم ماتكا ئېغىزى قاتارلىق ئۇرۇنلاردا. سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى جىددىي خاراكتېرلىك ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك بولىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى كۆپىنچە ياش ئاياللاردا، قىزلاردا، بولۇپمۇ بەدىنى ئاجىز ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلەردە يۈز بېرىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك قوزغىلىش جىددىي، يوقىلىشىمۇ بىر قەدەر تېز بولىدۇ، كۆپىنچىسى 2~3 كۈنگىچە ياكى 1 ھەپتە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. كېسەللىك قوزغىلىشتىن بۇرۇن پۈتۈن بەدەندە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ ماغدۇرسىزلىنىپ، سوغۇق تەرلەپ قىزىتىدۇ. سىرتقى جىنسىي ئەزادا ئاۋۋال قىچىشىش، كۆيۈشۈش، ئاغرىش ياكى كىچىك ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، كېيىن بۇ تېشىلىپ سىرتقى يۈزىدە يارا پەيدا بولىدۇ. يارا چەمبەر شەكلىدە ياكى قائىدىسىز بولۇپ سىرتقى يۈزىدە يىرىڭ ياكى ئاجراتما ماددا چىقىپ تۇرىدۇ. يارا ئەتراپىغا قان تولۇپ سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ  قالىدۇ. تەخمىنەن 2~3 ھەپتىگىچە ساقىيىپ كېتىدۇ. 
سوزۇلما خاراكتېرلىك سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى يەنى ئۆسمە ۋە تۇبېركۇليۇز قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك قوزغىلىشى ئاستا، دەسلەپتە كىچىك تۈگۈن ياكى ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، كېيىن تېشىلگەندىن كېيىن يارا پەيدا بولىدۇ، ئاغرىش ئانچە ئېغىر بولمايدۇ، تىرىك تەن توقۇلمىسى تەكشۈرۈشى ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. 


ئاياللار يانبىلوگى خاس يازمىسى (ئاياللار يانبىلوگى «ئاياللار جىنسىي يول كېسەللىكىدىن 85 سوئال» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى)
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى