بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم باشقىلارنىڭكىدەك كۆڭۈللۈك ئەمەس.
-
نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم باشقىلارنىڭكىدەك كۆڭۈللۈك ئەمەس.
ۋاقتى: 2016-09-06 ئاۋاتلىقى: 4866 قېتىمنىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم باشقىلارنىڭكىدەك كۆڭۈللۈك ئەمەس. ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىكى خۇشاللىققا بولغان قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدە سىز ئەتكەن مەززىلىك تاماقنى يېيىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت. لېكىن سىز كوچىدا، ئېسىل پىكاپلاردا ئولتۇرۇشنى بەخت دەپ بىلگەچكە، نىكاھىڭىزدىن خۇشاللىق تاپالمايسىز. * ئاياللار توي قىلىپلا مۇز چىراي بولۇپ قالىدۇ. ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايدۇ. ئۆزىگە ئاجراتقان ۋاقتى ئازلاپ كېتىپ، تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئاياللار، ئەڭ ياخشىسى، نىكاھنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالماسلىقى كېرەك. * مەن چوقۇم مۇكەممەل ئەر تېپىپ ياتلىق بولىمەن دەپ ئويلايدۇ. نۇرغۇن قىزلار ياخشى يىگىت تېپىش ئۈچۈن، ئۆزىگە نۇرغۇنلىغان بەلگىلەرنى تۈزۈۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا توختىماي يىگىتىدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ياراتماي، تېخىمۇ مۇكەممەل يىگىت تېپىشنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى، بۇنى تاللاپ يۈرۈپ، تەلىپىگە ماس كەلگەن نامزاتلاردىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ. شۇڭا مۇكەممەل ئەر تاپىمەن دېمەي، سىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ئەرنى تېپىڭ، ئۇ سىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىڭىزدۇر. * نىكاھنىڭ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىشى ئۆزىگە ئەڭ ماسلاشقان جۈپتىنى تاپقانلىقىدىندۇر. نىكاھنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى ھەرگىزمۇ بىر تەرەپنىڭ كۈچىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ تىرىشىشىغا موھتاج. بىز ئۇيغۇرلار ھەممىمىز ھەق دىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاچقا ئەڭ ياخشىسى ئىمان-ئېتىقادى ياخشىسىغا تەڭسىڭىز سىزنىڭ دۇنيا ئاخىرەتلىكىڭىز ياخشى بولغۇسى! *ئالدىراقسانلىق بىلەن تويدىن كېيىن ئاجىرىشىش.كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى يېڭى توي قىلغانلار نەچچە ئايدىلا ئاجىرىشىپ بىكار بىر نىكاھلىق بولۇپ قالىدۇ . ئۇ يەنە باشقىسى بىلەن توي قىلىشقا توغراكېلىدۇ .بەزىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ كېلىننى ياكى كۈيئوغۇلنى ياراتماسلىق سەۋەبىدىن، ۋە ياكى يىگىت بىلەن قىزنىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە ئايلىق كىچىك ماجىرا سەۋەبلىك ، ئۆز ئاتا-ئانىسىغا قارشى تەرەپنىڭ يامان گەپلىرىنى قىلىپ داتلانغاندا ئاتا-ئانا بۇنىڭغا سالماقلىق بىلەن قاراش، ھەرگىز ئالدىراپ ئاجىراشتۇرۋەتمەي يۈزتۇرەنە ياراشتۇرۇش ۋە ئايرىم ئۆز بالىسىغا تەربىيە قىلىش كېرەك. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق كىىچك ماجىرا تۈگەيدۇ ، بولۇپمۇ بالىلىق بولۇپ قالغاندا.ئەگەر زادىلا قاملاشمىغان چوڭ سەۋەبلەر بولسا، قىز ياكى يىگىتنىڭ توغرا چۈشىنىشكە بولمىغۇسىز چوڭ كەمچىلىك سەۋەبىدىن كېلىشەلمىگەن بولسا ئاندىن ئاتا-ئانا ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ . بولمىسا ئەڭ ياخشىسى بىر نىكاھتۇر.يانفوندا كۆرۈش
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى يىلتىز، كۆكسى
2015-12-11 20:13:413873قىزلارغا 100 نەسىھەت: بىرىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:52:165343ئاياللار جىنسى ھېسياتى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ سەۋەبى
2016-01-01 17:56:004888زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (7)
2014-11-16 14:20:403991ئېرىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلاي دېسىڭىز
2015-12-22 12:59:434182بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قانداق ئاياللاردا ئاسان
2015-12-21 16:28:241889يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار
2016-01-01 16:04:332333ئىلمىي ئۇسۇلدا كىر يۇيۇش
2016-07-02 19:16:414428
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-