ھامىلىدار ئاياللار يېشىل مۇھىتتا كۈتۈنسە بالىسى ئەقىللىق بولىدۇ
-
ھامىلىدار ئاياللار يېشىل مۇھىتتا كۈتۈنسە بالىسى ئەقىللىق بولىدۇ
ۋاقتى: 2016-11-03 ئاۋاتلىقى: 1795 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئامېرىكىدىكى رودول تورى ئىسپانىيەنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دائىم يېشىل ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلانغان جايدا دەم ئالغاندا ھامىلىدار ئاياللار تۇغماقچى بولغان بالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ۋە تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان.نۆۋەتتە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا ئىشخانا يېشىل بولغاندا ھاۋانىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بۇلغانمىلار ۋە شاۋقۇنلارنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ باش ئاغرىش ۋە جىددىيلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تەتقىقاتچىلار 2400 نەپەر ئايالنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يېشىل ئۆسۈملۈك مۇھىتتا تۇرغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ باشقا بالىلارنىڭ ئوتتۇرچە ئېغىرلىقىدىن ئېغىر بولىدىغانلىقى، باش ئايلانمىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ نەتىجىنىڭ يېتەكچى ئەھمىيىتى بار بولۇپ، ساغلام بالىلارنىڭ باش قىسمىنىڭ ھەجىمى چوڭ مېڭىسىنىڭ چوڭ –كىچىكلىكى ۋە ئەقىللىق بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بەك يىنىك (نورمال ئېغىرلىقى 2.54 كىلوگرام بولىدۇ) بولسا كېيىنچە بالىدا يۈرەك كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىمىمىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئاشىدىكەن.
بوۋاقنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئەقىللىق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھامىىلدار ئاياللار سىرتتىكى پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىشى، ھاۋا ياخشى بولغاندا دائىم باغچىلارنى ئايلىنىشى، تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىشى كېرەك.ئاياللار ئىشخانىسىدىكى شىرەسىگە يېشىل ئۆسۈملۈكنى قويۇپ قويغاندا، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە خۇشال -خورام بولالايدۇ. ئائىلىدە تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرسە ھامىلىدار ئايالنىڭ كەيپىياتى ياخشىلىنىپ، بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىغىلى بولىدۇ.
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇچە تورى.
ئاياللار يانبىلوگىدىكى سەرخىل مەزمۇنلار سىز گە روھى ئوزۇق ۋە تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى بولغۇسى.
ھەر خىل ئاياللار كىسەللىكى ھەققىدىكى ساۋاتلار،جىنسىيەت بىلىملىرى ۋە تۇرمۇش مەسلىلىرىگە قىزىقسىڭىز دائىم ئاياللار يانبىلوگىنىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن بەھېرلىنىڭ.
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ ھەمبەھېرلەشنى ئۇنۇتماڭ.
پىنھان تىۋېشلار يەنىلا ئاياللار يانبىلوگىدا :
ayallar.yanbilog.com
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئۇچلۇق نەم مېڭى دېگە
2015-11-22 01:19:185069ئاياللار بۆلۈمىدە كۆپ كۆرىلىدىغان ياللۇغلىنىشلىق
2015-11-12 18:46:002125ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق دېغى دېگەن نېمە؟
2015-11-12 16:19:002575قانداق ئاياللارنىڭ ئوغۇل تۇغۇش ئېھتىماللىقى يۇقى
2016-01-25 16:22:22630110 مىنۇت ئاچچىقلىنىش 3000 كىلومېتىر يۇگۇرگەنگە ب
2015-12-09 20:59:501804ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئۈزۈك سالدۇرسا
2015-08-12 16:46:154398قانداق قىلغاندا ئاياللار ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىك
2015-11-28 01:40:433681بەخىتلىك قىزلار مۇنداق قىلىدۇ
2016-01-23 14:14:262695
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-