ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق دېغى دېگەن نېمە؟ ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق دېغى تەرەققىي قىلىپ سىرتقى جىنسىي ئەزا راكىغا ئۆزگىرەمدۇ؟
-
ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق دېغى دېگەن نېمە؟ ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق دېغى تەرەققىي قىلىپ سىرتقى جىنسىي ئەزا راكىغا ئۆزگىرەمدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-12 ئاۋاتلىقى: 2251 قېتىمئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق دېغى دېگەن نېمە؟ ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق دېغى تەرەققىي قىلىپ سىرتقى جىنسىي ئەزا راكىغا ئۆزگىرەمدۇ؟يانفوندا كۆرۈش
سىرتقى جىنسىي ئەزا كېسەللىكىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، كىلىنىكىلىق ئىپادىسىمۇ ھەر خىل، يەنە بىمارلار ئادەتتە سىرتقى جىنسىي ئەزا كېسەللىكىدىن ئېغىز ئېچىشتىن قىينىلىپ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دەسلەپتە قوزغىلىدىغان ياكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولسا سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش، ئادەتتە قىچىشىش توختىماي ناھايىتى بىئارام بولۇپ كېتىدۇ ھەم ناھايىتى ئازابلىنىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سىرتقى جىنسىي ئەزا تېرە پىگمېنتى چېكىنىش، ھەددىدىن زىيادە قېلىنلاپ كېتىش يۈز بېرىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل داۋالاتمىسا سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىغا ئۆزگىرىدۇ، ھەتتا «سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق دېغى» غا گىرىپتار بولۇش خاتا قارىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئاتالمىش «ئاق داغ» دېگەن بۇ سۆز دەسلەپتە پەقەتلا ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردە راكىنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە ئىشلىتىلدى. كېيىن بۇ «ئاق داغ» دېگەن سۆزنى ئاستا-ئاستا ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا كېسەللىكىگە ئىشلىتىدىغان بولدى، سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق دېغى بولسا سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىسى غەيرى تىپىك ئۆسۈپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. مىكروسكوب ئاستىدا بۇنىڭ ھىستولوگىيە ئالاھىدىلىكىدىن ھۈجەيرە غەيرى ئۆزگىرىشى بار. شۇڭا سىرتقى جىنسىي ئەزا تېرىسى ۋە شىللىق پەردە ئاقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئاق داغ» دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ، بەلكى ئاقىرىش كېسەللىك زەخمىسى ياكى ئاق رەڭلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ ئاتىشى كېرەك.
ئومۇمەن سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق رەڭلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى ھەرگىزمۇ سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق دېغىغا تەۋە ئەمەس، سىرتقى جىنسىي ئەزا راكىغا تېخىمۇ بەك تەۋە ئەمەس. سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق دېغىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى %50 دە راكقا ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىكى بار، شۇڭا راك يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق رەڭلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئادەتتە ياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ، بۇنىڭ كېسەللىك قوزغىلىشى ئاستا، كېسەللىك مەزگىلى 10 يىلدىن يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى كېسەللىك سەۋەبى تېخىچە ئېنىق بولمىغاچقا داۋالاش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ، كۆپىنچە دورا، لازېر نۇر، نۇر چۈشۈرۈش قاتارلىق دائىرىلىك ئورۇننى داۋالاش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كېسىپ ئېلىۋېتىشتە ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ، شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى ئانچە تەشەببۇس قىلىپ كەتمەيدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى ئېغىر بولغان سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئۇزۇن مەزگىل داۋالاتمىسا ئاق داغقا ھەتتا ناھايىتى ئېغىر كېسەللىككە ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىكنى راك بولۇشتىن ئاۋۋال يۈز بېرىدىغان كېسەللىك دەپ قاراپ قارىغۇلارچە ئوپېراتسىيە قىلماسلىق كېرەك، يەنە بۇنىڭغا سەل قارىماي، بەلكى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئەستايىدىل كۆزىتىپ ۋە داۋالىتىپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
2015-11-08 00:09:522049ئاياللار رازى بولدىغان بۇنداق ئەرنى كۆرگەنمۇ؟
2015-08-18 12:15:036611ھامىلىدار ئاياللار چىشى ئاغرىغاندا
2015-08-12 16:58:081511قىزلارغا 100 نەسىھەت: ئۈچىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:55:572279ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ
2016-02-05 18:55:473857بۇ 5 خىل ئەھۋالدىن ئالاھىدە ھەزەر ئەيلەڭ
2015-08-15 19:12:367418زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (12)
2014-11-16 14:29:461846يۈزىڭىزدىكى 10 خىل قورۇق بەدىنىڭىزنىڭ بۇ كېسەللى
2015-08-10 14:03:282611
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-