مەزى بېزى كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچى تۇرمۇش ئادەتلىرى
تەتقىقاتچىلار مەزى بېزى كېسىلىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىنورمال تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكلىكىنى ئېنىقلىغان:

1. تاماكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ مەزى بېزى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن بىر – ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، تاماكا قانچە كۆپ چېكىلسە، ئۇنىڭ مەزى بېزىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى شۇنچە زور بولىدۇ.
2. يېمەك – ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاچچىق، كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر ۋە يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراق قان تومۇرىنى كېڭەيتىۋېتىدۇ. مەزى بېزى ئىسپىرتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراۋەرسە، مەزى بېزىگە قان تولۇپ، يەللىكلىنىدۇ ياكى بۇرۇن مەزى بېزى كېسىلى بار بولغان بولسا ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
3. سوغۇق ئۆتۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەزى بېزىدە بۆرەك ئۈستى بېزى قۇۋۋىتىنى قوبۇل قىلغۇچى تەنچىلەر كۆپ، ئۇلارغا سوغۇق ئۆتۈپ قالسا، ئاسانلا سىمپاتىك نېرۋا غىدىقلىنىش، بەز قورۇلۇش، سۈيدۈك يولىغا چۈشىدىغان بېسىم ئېشىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، سىيىش قىيىنلىشىدۇ، مەزى بېزىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنداق ناچار ئايلىنىش مەزى بېزى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
4. جىنسىي مۇناسىۋەت لايىقىدا بولماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇدا جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇۋېرىدىغانلاردا جىددىي خاراكتېرلىك مەزى بېزى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈكلەر ئىسپېرمىنى نورمال چىقىرىۋېتەلمىسىمۇ مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى كۆپلەپ يىغىلىپ قالىدۇ دە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەزى بېزى ئادەتتىن تاشقىرى كېڭىيىپ ۋە مەزى بېزىگە قان تولۇپ، مەزى بېزىنىڭ يەللىكلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
5. قەۋزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قەۋزىيەت بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ تۈز ئۈچىيىگە كۆپلەپ ئاجرالمىلار يىغىلىپ قېلىپ، تۈز ئۈچەيگە يانداش مەزى بېزىگە قان تولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەۋزىيەت بولۇپ قالغان ئادەم كۈچەپ تەرەت قىلغاچقا، قورساققا چۈشىدىغان بېسىم ئېشىپ، مەزى بېزى بېسىلىپ، سۈيدۈك يولى تارىيىپ، سۈيدۈكنىڭ چىقىرىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، مەزى بېزىنىڭ ساقلىقىغا تەسىر يېتىدۇ.
6. سىقىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلار ۋە دائىم ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلارنىڭ مەزى بېزى ئۇزاق ۋاقىت سىقىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، قان ئايلىنىش راۋان بولماي، ئاسانلا مەزى بېزى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ ۋە سىيىشى قىيىنلىشىدۇ.
7. سۈيدۈكنى قىسىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ساق ئادەم ۋاقتى – ۋاقتىدا سىيىپ تۇرمىسا، دوۋسىقى يوغىناپ، ئاسان سىيەلمەسلىك، مەزى بېزىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىش، قان راۋان ئاقالماسلىققا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، مەزى بېزى يوغىناش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.