دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرىمۇ قالايمىقانچىلىق چىقتى، پۈتۈن دۇنيا 50.7% برازىلىيەلىكنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئەمما پۇتبول دۆلىتى بولغان برازىلىيەدەك دۆلەتتە كۈچلۈك بايقۇت قىلىشنى كىشىلەر چۈشىنەلمىدى، 2013-يىلى ھەتتا بىر مىلىيوندىن ئارتۇق برازىلىيەلىك كوچىلارغا چىقىپ دۇنيا لوڭقىسىنى بايقۇت قىلىپ نامايىش قىلىپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنى برازىلىيەدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى نىمە ئۈچۈن بايقۇت قىلىنىدۇ؟
ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. 2001-يىلى گولدىمان ساچىسنىڭ ئىقتىسادشۇناسى جىم ئونىئېل «كىسەك ئالتۇن تۆت دۆلىتى»( برازىلىيە، روسىيە، ھىندىستان، جۇڭگو) ئۇقۇمىنى چىقاردى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلاردا تېز سۈرئەتتە ئىقتىسادى ئېشىش كۆرۈلدى. 2008-يىلى ئىقتىسادى كىرزىستىن كېيىن، قايتا ئىقتىسادى ئېشىش كۆرۈلمىدى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى برازىلىيەنىڭ ئەھۋالى تۆت كىسەك ئالتۇن دۆلىتى ئىچىدە ئەھۋالى ئەڭ ناچار بولدى، پۇل پاخاللىقى 16% تىن ئېشىپ كەتتى.
2. جۇڭگو مىدىئالىرىدا جۇڭگونىڭ Aپايچېكى پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ ناچار بازار دەپ خەۋەر قىلىنغان، سانلىق مەلۇمات سىتاتىستىكىلاردىن قارىغاندا، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئەڭ ناچار پايچېكى بازىرى بولغىنى برازىلىيە پايچېكى بازىرى. 2013-يىلنى مىسال قىلساق، پۈتۈن دۇنيادا ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان پايچېكى بازىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى بولۇپ ئېشىش نىسبىتى 107.69% كە يەتكەن. ئىپادىسى ئەڭ ناچار بولغانلار تىزىملىكىدە جۇڭگونىڭ A پايچېكى بازىرى 6.75% لىك چۈشۈش بىلەن ئۈچىنچى ئورۇنغا تۇرغان. برازىلىيەنىڭ BOVESPA ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 15.6% چۈشۈپ كەتكەن.

3. ئىقتىساد ئەڭ ئوسال ئەھۋالدىكى ۋاقىتتا، برازىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرلۇشىغا 2 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان، ئەمما خەلق كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئولتۇراق ئۆي، يىمەكلىك، داۋالىنىش ۋە مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەبلەغ سالمىغان.

1. 1822-يىلىدىن ئىلگىرى، برازىل دەرىخى، قارا قۇل
1500-يىلى پورتوگالىيەلىك ئېكىسپىدىيەچى پېدرو ئارۋالىس كابرال دېڭىز ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىنى باشلاپ جەنۇبىي ئامېرىكىغا كەلگەن. ئامازون ئورمانلىقىدىكى قىزىل رەڭ چىقىدىغان دەرەخ پورتوگاللارنى جەلىب قىلغان، ئۇ دەرەخ« برازىل» دەپ ئاتالغان ھەمدە بۇ برازىلىيەنىڭ نامى بولغان. برازىلىيەدە برازىل دەرىخى بايقالغاندىن سىرت يەنە ئالتۇن، ئالماس كان بايقالغان ۋە بۇلار ياۋروپاغا توشۇلغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ قۇل سودىسى گۈللىنىشكە باشلىغان.
سالۋادور برازىلىيەدىكى ئەڭ قەدىمكى شەھەر، بۇ يەر يۈز نەچچە يىلدىن بېرى برازىلىيەدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇل بازىرى بولغان. بۈگۈنكى كۈندە سالۋادوردىكى نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادى، ئۇلار برازىلىئان ئافرىقانلار دەپ ئاتىلىدۇ.

1822-يىلى برازىلىيە مۇستەقىل بولىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي يىپيېڭى بولغان بىر باشلىنىش بولۇپ، سان پاۋلو مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى برازىلىيەنىڭ ئىقتىسادى مەركىزىگە ئايلىنىدۇ، قەھۋە ئالاھىدە شەكىلدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ، بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە بولغان پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم مەھسۇلاتقا ئايلىنىدۇ. بۇ برازىلىيە ئىقتىسادىغا گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، برازىلىيەنىڭ 21- شىتاتى ئىچىدە 17 شىتاتى قەھۋە ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن دۇنيانىڭ 50% دىن ئېشىپ كەتكەن. قەھۋەگە تايىنىپ بېيىغان كىشلەر ياۋروپاچە بىزەلگەن ئولتۇراق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن، ماشىنا سېتىۋالغان. 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى برازىلىيەنىڭ تۇنجى «ئالتۇن دەرۋى» بولغان.

1929-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادى كىرزىسى يۈز بېرىپ، ئامېرىكىلىقلارلا تەسىرىگە ئۇچراپ قالماستىن، برازىلىيە ئىقتىسادىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئامېرىكا برازىلىيەدىن قەھۋە ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان. برازىلىيەنىڭ ئۆسۈملۈك تېرىغۇچىلىرى باھانىڭ ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن نەچچە مىلىيون توننا قەھۋەنى كۆيدۈرىۋەتكەن. قەھۋە ئىگىلىكىنىڭ ۋەيران بولىشى، 1929- يىلدىكى ئىقتىسادى كىرزىس برازىلىيەلىكلەرنىڭ گۈللىنىش يولىنى خانىۋەيران قىلغان.
1930-يىلى ئۇستا نەيرەڭۋاز ۋارگاس زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ئۇ «ئىمپورتنىڭ ئورنىغا سانائەتلەشتۈرۈش» تەرەققىيات شەكىلىنى يولغا قويغان. كان، شارقىراتما قاتالىق خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىقتىسادى بايلىقلارنى دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈپ، چەتئەل كارخانىلىرىنىمۇ چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا ئايلاندۇرغان. سانائەتلىشىش يولىنىڭ قوزغىتىلىشى بىلەن سان پاۋلو برازىلىيەدىكى ئەڭ ھەرىكەتچان شەھەرگە، قەھۋە مەركىزىدىن سانائەت مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلانغان. برازىلىيەنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىش دەۋرى باشلانغان.

كۇبچىك خاتىرە سارىيى
ئوخشاش بولمىغان زۇڭتۇڭلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزىشى ئاستىدا، برازىلىيە ئىقتىسادى سىياسىتى 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئاساسلىق تەرەققىيات ئىدىيەسىدە ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. 1956-يىلى برازىلىيە زۇڭتۇڭى كۇبچىك برازىلىيەنىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، قايتا قۇرۇش ۋە برازىلىيە پايتەختىنى كۆچۈرۈش سىياسىتىنى چىقارغان.
شۇ سەۋەبتىن برازىلىيەنىڭ پايتەختى برازىلىيە شەھىرى پەيدا بولغان ۋە پايتەخىت سان پاۋلودىن برازىلىيەگە يۆتكەلگەن.
كۇبچىك «ئىمپورتنڭ ئورنىغا سانائەتلەشتۈرۈش» ئىدىيەسىنى داۋاملاشتۇرغان ھەم برازىلىيەنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىقتىسادى تەرققىي قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. 1968-1973-يىلغىچە، برازىلىيەنىڭ GDP سى يىلىغا ئوتتۇرچە 10.9% لىك يۇقىرى سۈرئەتنى ساقلاپ، GDP كىشى بېشىغا 1500 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى سەككىزىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلانغان. بۇ مەزگىلدە برازىلىيە 1958، 1962، 1970-يىللىق ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. مانا بۇ دەۋر برازىلىيەنىڭ ئالتۇن دەۋرى.

5. 1973-1994-يىلغىچە، قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنۇچ ئىچىدىكى قاباھەتلىك كۈنلەر
1973-يىلى 4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتىلىغان، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىتنىڭ باھاسىنى بىكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەلقئارا نېفىتنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئىككى ھەسىدىن ئارتۇق ئۆسۈپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر بولغان ئىقتىسادى كىرزىس يۈز بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى 14% تۆۋەنلەپ كەتكەن، ياپونىيەنىڭ 20% دىن ئارتۇق تۆۋەنلەپ كەتكەن، بارلىق سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى چېكىنگەن، بۇ خام ئەشيا ئېكىسپورت قىلىشقا تايىنىدىغان برازىلىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بولغان. برازىلىيە ئېنىرگىيە، قاتناش قاتارلىق چوڭ تىپتىكى دۆلەت قۇرلۇش تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان، ئەمما مەبلەغ كەمچىل بولغانلىقتىن برازىلىيە زور مىقداردا تاشقى قەرز ئالغان. ئوتتۇرا مەزگىللىك يېڭى قوشۇلغان قەرز ئومۇمى سوممىسى 38 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئۆسۈمى 39 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. برازىلىيە يېڭى قەرز ئېلىپ كونا قەرزنى قايتۇرۇش دەۋرىگە كىرگەن. ئوخشاشلا زىيادە تېز بولغان شەھەرلىشىش، جەمىيەت باراۋەرلىكىنىڭ كەمچىل بولىشى رىئودى ژانىيرو قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە نامراتلار مەھەللىسى، جىنايەتچىلەر گوروھلىرىنىڭ پەيدا بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پۈتۈن 80- يىللاردا، ئىقتىساد چېكىنگەن، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزدىكى قۇرلۇشلار لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئالاھىدىلىكى بولغان، برازىلىيە ئۇزۇن مەزگىللىك پۇل پاخاللىقى قىيىنچىلىق ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالغان.
1988- يىلى برازىلىيەنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى 1038% كە يەتكەن، بىر يىلدىن كېيىن 1476% كە يەتكەن، 1993-يىلى 2489% كە يەتكەن. برازىلىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇ دەۋر قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنۇچ ئىچىدىكى قاباھەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دەۋرگە ئايلانغان. مالىيە مىنىستىرى يەتتە ئايدا تۆت قېتىم ئالماشقان. كىشلەر مائاش ئالغاندىن كېيىن نەرسە سېتىۋالماقچى بولۇپ تاللا بازىرىغا كىرسە، توختىماي يېڭى باھا قەغىزى چاپلىنىپ تۇرغان، ھەتتا بىر نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ئۇنىڭغا چاپلانغان باھا قەغىزى يىرتىۋېتىلىپ، شۇ مەھسۇلاتتىن 4-5 نى سېتىۋالغۇدەك يېڭى باھاغا چۈشۈپ كەتكەن. تاكسىغا ئولتۇرۇش ئاممىۋىي قاتناشقا ئولتۇرۇشتىن ئەرزان بولغان. كىشلەر تاكسىغا چىقىپ چۈشۈپ بولغىچە پۇلنىڭ كۇرسى نەچچە ھەسسە چۈشۈپ بولغانلىقتىن، تاكسىغا ئولتۇرغاندا پۇل قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەن. ئادەتتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قاباھەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان دەۋردە، برازىلىيەلىكلەر قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان نەرسىگە مۇھتاج بولغان، ئۇلار 1994- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئارقىلىق ھاياجانلانغان.

1994-يىلى برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ برازىلىيەلىكلەرگە نىسبەتەن شان شەرەپ، تەسەللى ئېلىپ كەلگەن، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچىنى قايتىدىن ئويغاتقان.
بۇ يىلى مالىيە مىنىستىرى كاردوزو برازىلىيە ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن« رىئال پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1994-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى برازىلىيە پۇلى رىئالغا ئۆزگەرتىلگەن، بىر رىئال 2750 كىروسەيروغا تەڭ بولغان. نۆۋەتتە بىر رىئال 3.69 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ.


2002-يىلى برازىلىيە يەنە بىر قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ئوخشاشلا لۇلا زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى، ئۇ ئىلگىرى رىئال پىلانى ۋە خۇسۇسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تەدبىر چىقارغان، كىشلەر خاتىرجەمسىزلىنىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ قانداق سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىدى، ئەمما كىشى ئويلىمىغان يەردىن ئۇ كاردوزونىڭ ئىقتىسادى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى.

ئىقتىساد ياخشىلىنىش يۆنىلىشىگە ئۆزگەردى، ئېنىرگىيە، كان بايلىق، ئېلىكتىر كۈچى ئېكىسپورت ئىقتىدارى پۈتۈن دۇنيانىڭ برازىلىيەگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تەرىپىگە ئايلاندى. يېزا ئىگىلىك ئېكىسپورتى 40% كە يەتتى. برازىلىيەنىڭ كالا گۆشى، سويا پۇرچاق، قوناق، پاختا، مىۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ زور مىقداردا ئېكىسپورت قىلىندى. برازىلىيەنىڭ GDP سى كىشى بېشىغا ئوتتۇرچە 3000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، ئوخشاشلا يەنە 4\1 قىسىم برازىلىيەلىك نامراتلارنىڭ كۈنلۈك تۇرمۇش چىقىمى ئىككى ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمىدى، بۇ ئىككى خىل دۇنيادىكى برازىلىيە، ئوخشاش تەرەققىيات يولىدىكى بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

8. 2008-يىلى--قايتا چېكىنىش
برازىلىيە ئىلگىرىكىدەكلا 2008-يىلدىكى ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ تەسىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمىدى. 2008- يىلدىن كېيىن برازىلىيەنىڭ ئىقتىسادى كۆپ چېكىنىپ كەتتى. 2010-يىلى 7.5% لىك ئىقتىسادى ئېشىش كۆرۈلگەندىن كېيىن، 2011-يىلى ئىقتىسادى ئېشىش 2.7% گە چۈشۈپ قالدى، 2012-يىلى 0.9% گە چۈشۈپ قالدى، ئوخشاشلا ئىشسىزلىق نىسبىتى 6% دىن، پۇل پاخاللىقى 6.5% دىن، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى 10% دىن ئېشىپ كەتتى. ئىقتىسادى چېكىنىش سەۋەبىدىن مىلىيونلىغان كىشلەر 2013-يىلى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ دۇنيا لوڭقىسىنى بايقۇت قىلدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە بانكىسىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇلغان قويىۋېتىش سىياسىتىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، برازىلىيەنىڭ پۇلى رىئالنىڭ كۇرسى تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ، برازىلىيەدە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇندىن سىرت برازىلىيە ھۆكۈمىتى باجنى ئۆستۈرۈش سىياسىتى يولغا قويدى، دۇنيا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن جامائەت مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالدى، 33% كىشى نامراتلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ئەھۋالدا، نامراتلارنى ئۆيىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۋەتتى.
برازىلىيە ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش ۋە خاتا سىياسەت سەۋەبىدىن برازىلىيەدە ئۇدا داۋاملاشقان قالايمىقانچىلىق پەيدا بولدى.