20-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ B گۇرۇپپىسىدىكى بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭ بۈگۈن سەھەر سائەت 01:00 دە ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپيونى ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن كۈمۈش م دال ساھىبى تاجىسىز شاھ گوللاندىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا باشلاندى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئىسپانىيە كوماندىسى قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ رېتىمىغا سالماقچى بولدى. بىراق گوللاندىيە كوماندىسى ئۇلارنىڭ رېتىمىغا چۈشمەيدىغاندەك قىلاتتى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 26 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ئىسپانىيە كوماندىسىدىن دىياگو كوستا بىر نۇقتا توپ ھاسىل قىلدى، ئالونسو بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، ئىسپانىيە ۋاقتىنچە 0:1 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.




كاسىللاس بۇ توپتا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالالمىدى بولغاي ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 65 مىنۇتقا كەلگەندە دېفرى بىر توپ ئۇرۇپ ، گوللاندىيە 3:1 ئالدىغا ئۆتتى.
ئارقىدىن 73 - مىنۇتتا ۋان پېرس يەنە بىرنى ئۇرۇپ نەتىجىنى 4:1 قىلدى،
80- مىنۇتتا روببىن يەنە بىرنى ئۇرۇپ نەتىجىنى 5:1 قىلدى. مۇسابىقە مۇشۇ نەتىجىدە ئاياقلاشتى، گوللاندىيە كوماندىسى تۇنجى ئۇچرىشىشتا قان-قىساسىنى چىرايلىق ئېلىۋالدى.




