ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

دۇنيا لوڭقىسى ب گۇرۇپپا گوللاندىيە-ئىسپانىيە مۇسابىقە خەۋىرى

ۋاقتى : 2014-06-14  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق


 

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:00دە، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ب گۇرۇپپا تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى سالۋادور شەھىرىدىكى فونتا نوۋا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينالدى.
سالۋادور شەھىرىنىڭ ھاۋا رايى ئەھۋالى: 24-26 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئازراق شەرق جەنۇپ شامىلى ۋە ئازراق يامغۇر بار.
بۇ مەيدان مۇسابىقىگە 43 ياشلىق ئىتالىيەلىك ياش رېپىر نىكولا رىزولى پۈشتەك چالدى.

مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى:
ۋان پىرىس ۋە رۇبىن ئىككىدىن توپ ئۇرۇپ، گوللاندىيە 5-1 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيەنى چوڭ نومۇر پەرقتە مەغلۇپ قىلدى، ئىسپانىيە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئەڭ ناچار باشلىغان چېمپىيون كوماندىغا ئايلاندى. ئىسپانىيە ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا بىر نومۇسلۇق رىكورت ياراتتى.

گوللاندىيە ئىسپانىيەدىن ئۆچىنى ئالدى: بۇ 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتىن كېيىن ئىككى كوماندىنىڭ قايتا ئۇچىرىشىشى، گوللاندىيە كوماندىسى 0-1 ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا، ۋان پىرەس ۋە رۇبىننىڭ ئىككىدىن توپ كىرگۈزىشى ۋە ستېفان دې ۋىرىجنىڭ بىر توپ كىرگۈزىشى بىلەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى ئىسپانىيەنى 5-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، ناھايىتى چىرايلىق ھالدا ئۆچىنى ئالدى.

ئەڭ چىرايلىق كىرگەن توپ: ۋان پېرەس گوللاندىيەنىڭ قاتىل ھۇجۇمچىسى، ئۇنىڭ72- مىنۇتتا كىرگۈزگەن توپى دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ چىرايلىق كىرگەن توپنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


مۇسابىقە باشلىنىپ 8-مىنۇتتا رۇبىن ئىتتىرىپ بەردى، سىنېيدىر چەكلەنگەن رايوندا كاسلىياس بىلەن يەكمۇ يەك ئەھۋالدا توپنى يىراق بۇلۇڭغا تەپتى، كاسلىياس توپنى توسىۋالدى.
27-مىنۇتتا خاۋى پاس بەردى، دىياگو كوستا چەكلەنگەن رايوندا ستېفان دې ۋىرىجغا پۇتلىشىپ يىقىلدى، باش رېپىر نىكولا رىزولى نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى. ئالونسو نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. بىراق ئاستا كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا، دىياگو كوستا ستېفان دې ۋىرىجنىڭ پۇتىغا دەسسەپ يىقىلغان.
44-مىنۇتتا بىلىند سول تەرەپتىن چەكلەنگەن رايونغا پاس بەردى، توپ بوشلۇقتا 50 مىتېردىن ئارتۇق ئۇچتى، ۋان پىرەس تېز سۈرئەتتە بۆسۈپ كىرىپ يىراقتىن كاللا توپ ئۇرۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى.
53-مىنۇتتا بىلىند سول تەرەپتىن پاس بەردى، رۇبىن چەكلەنگەن رايوندا ھۇجۇم قىلىپ توپنى كىرگۈدى. گوللاندىيە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
60-مىنۇتتا رۇبىن قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، توپنى بۆلۈپ بەردى، يانمات توپنى بۆلۈپ ئوڭ تەرەپكە پاس بەردى، ۋان پېرىس ھۇجۇم قىلىپ توپنى كىرگۈزدى.
64-مىنۇتتا سىنېيدىر سول تەرەپتىن ئىختىيارى توپ باشلاپ پاس تاشلىدى، ستېفان دې ۋىرىج كاللا توپ ئۇردى.
72-مىنۇتتا كاسلىياس چەكلەنگەن رايوندا توپنى توختىتىشتا خاتالىق سادىر قىلدى، ۋان پىرەس توپنى تارتىۋېلىپ قۇرۇق ۋارتاغا توپ ئۇردى.
80-مىنۇتتا سىنېيدىر ئارقا مەيداندىن ئىتتىرىپ بەردى، رۇبىن چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ توپ ئۇردى.
ئەڭ ئاخىرىدا گوللاندىيە 5-1 چوڭ نومۇر پەرىقى بىلەن ئىسپانىيەنى مەغلۇپ قىلدى.


 









 






















بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا