ناتال شەھىرىنىڭ ھاۋا رايى ئەھۋالى: 24-26 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، 3-4 بال شەرق جەنۇپ شامىلى چىقتى، كۈچلۈك ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىككى تەرەپ جەمئىي ئۈچ توپ كىرگۈزدى ئەمما رېپىر ئىناۋەتىسىز دەپ ھېسابلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە مېكسىكا كىرگۈزگەن ئىككى توپ خاتا ھۆكۈم قىلىندى.
مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى:
باش رېپىر مۇسابىقىنىڭ ئاساسلىق رولچىسى بولدى: ئالدىنقى يېرىم مەيداندا كولومبىيەلىك باش رېپىر ۋىلمار رولدان ئۈچ قېتىم كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز ھېسابلاپ پۈشتەك چالدى. بۇنىڭ ئىچىدە مېكسىكىنىڭ كىرگۈزگەن ئىككى توپى خاتا ھۆكۈم قىلىندى. تۇنجى مەيدان باشلىنىش مۇسابىقىسىدىن كېيىن، باش رېپىر يەنە بىر قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئويۇن قويدى.
يەتتە مەيداندا توققۇز توپ كىرگۈزۈش: پىرالىتا توپ كىرگۈزۈپ مېكسىكا غەلبە قىلدى، بۇ پىرالىتانىڭ يېقىنقى يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توققۇزىنچى توپى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 11-مىنۇتتا ئاگۈيلار ئوڭ تەرەپتىن پاس بەردى، دوس سانتوس توپ ئۇردى، ئەمما ياردەمچى رېپىر ئورۇندىن ھالقىغان توپ دەپ ھۆكۈم قىلىپ ئىناۋەتسىز قىلىنىدى. ئاستا كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا، بۇ بىر قېتىملىق خاتا ھۆكۈم.
16-مىنۇتتا كامېروندىن موتىڭ توپ كىرگۈزدى، ئەمما يان رېپىر ئورۇندىن ھالقىغان توپ دەپ ھۆكۈم قىلىپ ئىناۋەتسىز قىلىندى.
ئەڭ ئاخىرىدا مېكسىكا كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن كامېروننى مەغلۇپ قىلدى.















