ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

ۋاقتى : 2014-06-14  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

W020140612483161521837.jpg

گوللاندىيە كوماندىسى : گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ تەلىيى نىمانچە كاجدۇر؟ 1889-يىللىرىلا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، چوڭ كىچىك مۇسابىقىلەرگە داخىل بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ كوماندا، ھەتتا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگىمۇ ئۈچ نۆۋەت قاتناشتىيۇ، ھەممىسىدە "مۇئاۋىن" بولۇپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەي كەلدى. بۇ نۆۋەت ئۇلارنىڭ تەلىيى تېخىمۇ كاج بولدى دېسەك بولىدۇ. چۈنكى، گۇرۇپپىسىدا ئۆتكەن يىل چېمپىيون بولغان ئىسپانىيە كوماندىسى بار، گۇرۇپپىدىن چىقسىلا ساھىپخان كوماندا بىرازىلىيەگە دۇچ كېلىدىغان مەسىلە بار. ئۇ مۇسابىقىدىمۇ ئۇتۇپ چىقىشى بەكلا تەسكە توختايدۇ، ناۋادا ئۇتۇپ قالسا بىرازىلىيىكلەر قوزغۇلۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن...

2013-يىلى 10-ئايدا، ياۋروپانىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە تاللىنىش مۇسابىقىسىدە توققۇز قېتىم ئۇتۇپ بىر قېتىم تەڭلىشىپ، 34 توپ كىرگۈزۈپ، بەش توپ كەتكۈزۈپ، ئىككى ئايلانما بۇرۇنلا تاللاشتىن ئۆتۈپ بولغان گوللاندىيە كوماندىسى، ياۋروپادا تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.ياۋروپادىكى تاللاش مۇسابىقىسىدە پەقەت گېرمانىيەنىڭ نەتىجىسىلا ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشەلىگەن. بۇ ئۇلارنىڭ 10-قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە كىرىشى. ئۇلار 1974-، 1978-،2010-يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىردەك 2-لىككە ئېرىشكەن.

60 ياشتىن ھالقىغان لوئىس ۋەنگال بۇ قېتىم يەنە گوللاندىيە كوماندىسىغا باش مەشقاۋۇل بولدى. ئۇ گوللاندىيە كوماندىسىغا بۇرۇنمۇ باش مەشقاۋۇل بولغان بولۇپ، 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشالمىغانلىقتىن، بۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەنىدى. قايتا بۇ خىزمەتكە مەسئۇل بولغاندىن كېيىن،تاللاش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە ياخشى نەتىجە بىلەن ئۈزۈپ چىقتى. ۋەنگال ئەسلى ئوتتۇرا مەيدان پۇتبولچىسى ئىدى، سەپتىن چېكىنىپ 1991-يىلى ئاجاكېس كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولۇش بىلەن ئىش باشلىغان. 1997-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بارسېلونا كوماندىسىغا؛ 2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە گوللاندىيە كوماندىسىغا؛ 2002-يىلىدىن 2003-يىللىرى يەنە بارسېلونا كوماندىسىغا؛ 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئالكىمار كوماندىسىغا؛ 2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بايرېن ميۇنخېن كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولۇپ ئىشلەپ، 2012-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاياقلاشقاندىن كېيىن گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولغان. ئۇنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدىكى نەتىجىسى خوشاللىنارلىق بولۇپ، ئۈچ قېتىم گوللاندىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون؛ ئىككى قېتىم ئىسپانىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون؛ بىر قېتىم گېرمانىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون؛ بىر قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون؛ بىر قېتىم بىرلەشمە پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇشتەك شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

مىيۇنخېن بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى روبېن ۋان پېرسې گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ماھىرى بولۇپ، ئۇ تاللاش مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن 11 توپى بىلەن ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىرغا ئايلانغان. بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ يان ھۇجۇمچىسى ئاريان روبېن سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلىدۇ. گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ۋان دېر ۋارت، ۋېسلېي سىنېيدېر قاتارلىق ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىلەرمۇ بوش ئەمەس. ئۇندىن باشقا يەنە بىرمۇنچە ياش ماھىرلىرىمۇ بۇ نۆۋەت كىشىلەرنىڭ دېھقىتىنى تارتىشى مۇمكىن.

گوللاندىيە كوماندىسىغا ۋەنگال باش مەشقاۋۇل بولغاندىن بۇيان، قارغۇلارچە ھۇجۇم قىلىشتەك ئەنئەنىۋى ئويناش ئۇسۇلىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئوزىنىڭ نۇرغۇن ئىدىيەلىرىنى كوماندىغا سىڭدۈرۈپ، مەسىلىنى تاكتىكىلىق ھەل قىلىشقا يۈزلەندۈردى. ئۇلارنىڭ تاكتىكىلىرىمۇ كۆپ بولۇپ ئۆزگۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك. گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق سەپ تۈزۈلمىسى تۆت مۇداپىيەچى، ئىككى ياندىن ھۇجۇم تەشكىللۈگۈچى،ئۈچ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇم تەشكىللىگۈچى ۋە بىر ھۇجۇمچى بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىق ئوتتۇرا مەيدان ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنغان.

گەرچە بۇ كوماندىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما تەلىيى كاج. بۇ قېتىم ئۇلار سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگىچىلا ئىسپانىيە، بىرازىلىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ رەقىبى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ ئۇلارغا قاتتىق توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. گۇرۇپپىدىن چىقىشتا چوڭ مەسىلە بولماسلىقى مۇمكىن. بىر ساننى ئىسپانىيە ئىگىلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇسابىقە نەتىجىلىرى ئارقىلىق چىلى، ئاۋستىرالىيە كوماندىلىرىدىن غالىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇ. بەلكىم بىرازىلىيە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇش توغرا كەلسە، دەل مۇشۇ گوللاندىيەلىكلەرگە ئۇتتۇرىشى مۇمكىن...
 

W020140612484591237824.jpg


ئىسپانىيە كوماندىسى : نۆۋەتتە دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە 1-قاتىل دەپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرتىپكە كىرگۈزگەن كوماندا، ئەسلىدىغۇ ئىسپانىيە كوماندىسىغا مەنسۈپ ئىدى. بىراق بۇ ئورۇننى ئا گۇرۇپپىدىكى بىرازىلىيەگە بېرىۋېتىشىمدىكى سەۋەب، ساھىپخاننىڭ يۈزىنى قىلدۇق خالاس. بۇقىنى چىمداپ ئۆلتۈرۈپ ئوينايدىغان ئىسپانىيەلىكلەر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانى سوراپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇلار 2010-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تۇنجى كۆتۈرۈپ ئارمانىغىمۇ يەتتى.
گەرچە بۇ، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تۇنجى كۆتۈرۈشى ھىساپلانسىمۇ، ئەمما پۇتبولچىلار جەمىيىتى قۇرۇلغىنىغىمۇ 100يىلدىن ئېشىپ كەتكەن پېشقادەم كوماندا شۇنداقلا دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى نەچچە رەت قۇلاق تۈۋىدىن ئۆتۈپ كەتكەن كۈچلۈك كوماندىدۇر. ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە ئىزچىل ئۆسۈش بولىۋاتىدۇ،مەسىلەن 2008-يىلى ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىنى؛ 2010-يىلى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى؛ 2012-يىلى ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتىمۇ خەلقئارالىق رەت تەرتىپتە 1-ئورۇندا تۇرماقتا.

ئىسپانىيە كوماندىسى يېقىنقى سەككىز يىلدىن بۇيان، ئۆز دۆلىتىدە ئوينالغان 31 مەيدان مۇسابىقىدە بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرۇپ قويمىغان ئاساستا ئىتالىيە، ئېنگلاند، ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنى 29 قېتىم ئۇتۇپ، ئىككى قېتىم تەڭلەشكەن. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ، ياۋروپا تاللاش مۇسابىقىسىدىمۇ ئالتە مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ ئۈزۈپ چىققان.

بۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىشىدا گەپ يوق. بىراق يەنىلا بوشاڭلىق قىلىشقا، بىپەرۋا بولۇشقا قەتئىي يول يوق. چۈنكى بۇ گۇرۇپپا "ھالاكەت گۇرۇپپىسى" بولۇپ، ئۆتكەن نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى دەل بۇ گۇرۇپپىدا قايتا ئوينىلىدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا ئۆتكەن نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇق تالاشقان ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى بار. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ گۇرۇپپىدا 2- بولۇپ چىقىپ قالسا، ساھىپخان بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن دەسلەپتىلا يۈز كۆرۈشىدىغان ۋەھىمە بار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى ئىسپانىيە بولسۇن، ياكى گوللاندىيە بولسۇن ھەرگىز بىخەستەلىك قىلسا بولمايدۇ. بەلكىم بۇ گۇرۇپپىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىلا بۇ ئىككى كوماندا تۇتۇشۇپ، گۇرۇپپىنىڭ 1-،2-لىكىنى بېكىتىۋەتسە كېرەك...

تارىختا ئىسپانىيە كوماندىسى 12 قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولسىمۇ، بىرەر قېتىم تۆت كۈچلۈك قاتارىغا قېتىلالماي كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن نۆۋەتلىكتە بولسا بىراقلا نەچچە رىكورتنى يېڭىلىدى. مەسىلەن تۇنجى قېتىم تۆت كۈچۈك قاتارىغا قېتىلدى، تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتى ۋە تۇنجې قېتىم چېمپىيون بولدى دېگەندەك. ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە كوماندىسى توققۇز قېتىم تۇتۇشقان. ئىسپانىيە كوماندىسى تۆت قېتىم ئۇتۇپ، بىر قېتىم تەڭلىشىپ، تۆت قېتىم ئۇتتۇرغان بولۇپ، پەقەت ئىسپانىيە ئۈچ توپنى ئارتۇق كىرگۈزگەن. چىلى كوماندىسى بىلەن 10 قېتىم تۇتۇشۇپ، سەككىز قېتىم ئۇتۇپ ئىككى تەڭلىشىپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ئاۋستىرالىيە كوماندىسى بىلەن تېخى بىرەر قېتىممۇ ئۇچرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، گۇرۇپپىنىڭ 1-لىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىسپانىيە كوماندىسى بۇ مۇسابىقىدە چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتۇپ، نومۇر ئالىدىغان خىيالنى ئاللىبۇرۇن كۆڭلىگەن پۈكۈپ قويغان.

ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى دېل بوسچو بولۇپ،ئۇ ئىسپانىيەدە تۇغۇلۇپ، ئىسپانىيەدە توپ تېپىپ، يەنە ئىسپانىيەدە مەشقاۋۇل بولغان؛ خانلىق مادرىد كوماندىسىنى باشلاپ، ئىككى نۆۋەت ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ۋە ئىككى نۆۋەت ئىسپانىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرگەن مەشقاۋۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن خانلىق مادرېد كۇلۇبى تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخس قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.ئۇ يەنە 2010-يىلى ئىسپانىيە كوماندىسىنى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرگەن ھەم 2012-يىلى ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىنى ساقلاپ قالغان. دېمەك ئۇ دۇنيا لوڭقىسىدىن تارتىپ، ياۋروپا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى قاتارلىق ھەممە لوڭقىغا دېگۈدەك ئېرىشىپ كۆرگەن قالتىس ئادەم.

ئىسپانىيەدىمۇ پۇتبول چولپىنى كام ئەمەس، خېلى داڭق چىقارغان ماھىرلارمۇ ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ باش سېپىگە قېتىلالماسلىقى مۇمكىن، ھەتتا دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنالماسلىقى مۇمكىن. ئىنىستا، خاۋى، بورگوستىن تەركىب تاپقان بارسېلونا 'تۆمۈر ئۈچ بۇرجەك ' سېپى بۇ يەردە رولىنى ئەينەن جارى قىلدۇرىدۇ.ھۇجۇم سېپىدە مانچېستىر شەھەر كۇلۇبىدىكى شېرۋا، ناۋاس؛ بارسېلونا كۇلۇبىدىكى بېدېرۇ؛ چېرشى كۇلۇبىدىكى ماتا قاتارلىقلار پۇرسەت كۈتۈپ ياتىدۇ. قاپقىنى خانلىق مادرىدتىكى كاسىللاس ساقلىسا، پەكې ۋە راموستىن شەكىللەنگەن مۇداپىيە سېپى قورغان بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ كوماندىدا ئاجىز ھالقا مەۋجۇت ئەمەس، شۇڭا نۆۋەتتە دۇنيانى سوراپ كەلمەكتە.

ئىسپانىيە كوماندىسى قىسقا پاس ۋە شەخسى تېخنىكىسىغا ئاساسەن توپنى كونتۇرول قىلىپ تۇرۇپ، پۇرسەت چىققان ھامان شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغايدىغان كوماندا. ئوتتۇرا مەيداننى كونتىرول قىلىش بۇ كوماندىنىڭ ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقى بولۇپ، دۇنيادا تېخى بۇلاردەك مۇكەممەل ئوتتۇرا مەيدان مونوپولچىلىرى چىقىپ باقمىدى. ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ بۇ گۇرۇپپىدىن چىقىشىدا گەپ يوق، ئەممە گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقامدۇ ياكى 2-بولۇپ قېلىپ بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن دەسلەپتىلا ئۇچرىشىپ قالامدۇ؟ بۇنى ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىدىن كۆرەيلى.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا