ئەنگىليە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىندا ، پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن 100 ياشلىق ئەرلەرنىڭ يۈز مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ، 104 ياشلىق بوۋاي كىۋارىج 32 سېكۇنت 79 دەقىقىدىن ئىبارەت ياخشى نەتىجە بىلەن ياۋروپادىكى بىردىنبىر مۇسابىقىنى تاماملىغان 100 ياشلىق ماھىرغا ئايلانغان .
ئىگىلىنىشىچە ، 1910–يىلى تۇغۇلغان كىۋارىج پولشالىق بولۇپ ، بۇندىن بۇرۇن ئۇ 100 مېتىرنى 34 سېكۇنتتا يۈگۈرۇپ بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ، بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ رىكورتىنى يېڭىلىغاندىن سىرت ، بۇندىن بۇرۇن دۇنيا رىكورتىنى ياراتقان 96 ياشلىق بوۋاينىڭ رىكورتىنىمۇ بۇزۇپ تاشلىغان . كىۋارىج 92 ياشتىن باشلاپ يۈگۈرۈشكە قىزىقىپ قالغان بولۇپ ، ئۆتكەن نەچچە يىلدا ئۇ ھەر كۈنى 10 كېلومېتىرغا يۈگۈرۈشنى داۋام قىلغان .