5-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ، 2013\2014- مۇسابىقە پەسىللىك ئېنگىلاند بىرلەشمىسى ئەڭ ئارخىقى ئايلانما مۇسابىقىسى ئوينالدى. مانچېستىر شەھىرى 2-0 نەتىجە بىلەن غەربىي ھامنى مەغلۇپ قىلىپ، 86 نومۇرغا ئېرىشىپ ئۈچ يىل ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. مانچېستىر بىرلەشمىسى، ئارسىنال ۋە چېلسىدىن كىيىن ئېنگىلاند چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى چېمپىيونلۇققا كۆپ ئېرىشكەن تۆتىنچى كوماندىغا ئايلاندى.
مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە 86 نۇمۇر بىلەن ئېنگىلاند بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى بولدى .
لىۋېرپول 84 نومۇر بىلەن ئىككىنچى بولدى، سۇيارىس 31 توپ كىرگۈزۈپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بولدى.
چېلسى 82 نومۇرغا ئېرىشىپ ئۈچىنچى بولدى ھەمدە كىلەر پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
ئارسىنال 79نومۇر بىلەن تۆتىنجىلىككە ئېرىشتى ھەمدە كىلەر پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
فۇلىھام 2-2 خىرۇستال ئوردا
خۇل شەھىرى0-2ئېۋېرتون
جەنۇبى ئەمىپتون1-1مانچىستىر بىرلەشمىسى
ساندىرلەنىد 1-3 سىۋانسىيە
توتىنھام 3-0 ئاستۇن ۋىلا
غەربى بىرومىۋىچ 1-2 سىتوك شەھىرى
بەشىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىۋىرتون بىلەن ئالتىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان توتىنھام كىيىنكى پەسىللىك ياۋروپا بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئارسىنال ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيەت ئۈچىنجى بىلىتى ھەممە جەمىيەتلەر لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىىغا كىرگەن خۇل شەھىرى كوماندىسىغا بىرىلدى .
گېرمانىيەنىڭ «يۆتكىلىش بازىرى گېزىتى» نىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ پەسىللىك مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىنىڭ 24 ئەزاسىدىن تۈزۈلگەن بىرىنچى سەپتىكى توپچىلارنىڭ ئومۇم باھاسى 451 مىلىيون ياۋروغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى 20 كوماندا ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى.
تۆت زەردار ئىچىدە چېلسىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى ئەزالارنىڭ باھاسى 388 مىلىيون ياۋرو، لىۋېرپولنىڭ 282 مىلىيون ياۋرو، مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ 378 مىلىيون ياۋرو.
2012- يىلى مانچېستىر شەھىرى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كىيىن، مانچېستىر شەھىرى ئىككى يىلدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم ئېنگىلاند بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. 1992- يىلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى باشلانغاندىن بۇيان ئۆـۈپ كەتكەن 22 يىل ئىچىدە مانچېستىر بىرلەشمىسى 13 قېتىم، چېلسى ۋە ئارسىنال ئۈچ قېتىمدىن ئېنگىلاند بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى باشلانغاندىن بۇيانقى تۆتىنچى ئەڭ كۆپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كوماندىغا ئايلاندى.











