ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  پەن -تېخنىكا

دۆلىتىمىزدىكى 4G يانفون بازىرىدا Coolpad بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

ۋاقتى : 2014-06-18  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى 4G تورىنى قوللايدىغان يانفون بازىرىدا ئالما شىركىتى بىرىنچىلىك ئورنىنى ئاخىرى قولدىن بەرگەن بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى يەرلىك يانفون كارخانىسى بولغان كۇپەي شىركىتى (Coolpad) سامسۇڭنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، بۇ جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
بازار تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا، دۆلىتىمىزدىكى يانفون بازىرىنى ئىگەللەش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ماركا كۇپەي بولغان بولۇپ، ئۈلۈشى %23.1 گە يەتكەن، سامسۇڭ شىركىتى بۇ جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، بازار ئۈلۈشى %18.8 بولغان؛ ئالما شىركىتى ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بازار ئۈلۈشى %15.7 بولغان. بۇ رەت-تەرتىپتە ئورنى 4-دىن 10-غىچە بولغان يانفون ماركىلىرى تۆۋەندىكىچە: لىيەنشىياڭ،OPPO، تىيەنيۈ، خۇاۋېي، جۇڭشىڭ، خەيشىن، بۇبۇگاۋ قاتارلىقلار.
ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن يانفون كارخانىلىرى ئىچىدە، پەقەت ئىككىسىلا چەتئەلنىڭ ماركىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ بازار ئۈلۈشى 5-ئايدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، سامسۇڭنىڭ بازار ئۈلۈشى %6.20 گە يىقىن تۆۋەنلىگەن، ئالما شىركىتىنىڭ بازار ئۈلۈشى %12.40 تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن 4G تورىنى قوللايدىغان يانفون بازىرىدىكى باشلامچىلىق ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويغان.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا