ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  پەن -تېخنىكا

ئۇيقۇنى ياخشىلىيالايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياستۇق بارلىققا كەلدى

ۋاقتى : 2014-06-17  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

يېتىلگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيقۇسىزلىق ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان بىر ئىش بولۇپ، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە ئېغىر خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئاستىدا ياشايدىغان ياشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيقۇسىزلىق، ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق تەسىرلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەقەت دورىغا تايىنىش ئارقىلىقلا ھەل قىلىپ كەلگەن بولۇپ، لېكىن ھازىرقىدەك تور ۋە تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان دەۋردە، كىشىلەر دورىدىن باشقا يەنە ئەڭ يېڭى پەن تېخنىكىلاردىن تايىنىپ بۇ خىل باش قېتىقچىلىقىدىن قۇتۇلۇشقا ئامال قىلالايدىغان بولدى. يەنە كىشىلەر ھازىر بىر خىل فىزىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق ھەم ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش مەقسىتىگە يېتەلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە Dreampad ناملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياستۇق كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياستۇقنىڭ سېتىلىش باھاسى 179 ئامېرىكا دوللىرى يەنە خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 1115 يۈەن بولۇپ، گەرچە بۇ ياستۇقنىڭ سېتىلىش باھاسى ناھايىتى قىممەت بولسىمۇ، لېكىن بۇ ياستۇقنىڭ ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى چىققانىكەن. بۇ خىل ياستۇق ناھايىتى نېپىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئابونتلار ئادەتتە ئۇنى باشقا ياستۇقلارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئىشلەتسىمۇ بولىدىكەن. بۇ خىل ياستۇقنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بولسا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئەپ پىروگراممىسى ئارقىلىق ئۇخلاشقا ياردەم قىلالايدىغان يېنىك، لەرزان مۇزىكىلارنى قۇيۇش، ئاندىن توپلاشتۇرۇلغان سۆڭەكلىك ئۆتكۈزۈش يوللىرى تېخنىكىسى ئارقىلىق ئابونتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن. بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياستۇقنى ئىشلەتكەندە، ئابونتلار بىر تەرەپتىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش نائۇشنىك تاقاپ ئۇخلايدىغان ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالالايدىغان بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ياستۇققا ماسلاشتۇرۇلغان ئەپ پىروگراممىسىدا قويۇلغان ئۇيقۇنى ياخشىلىيالايدىغان لەرزان مۇزىكىلار ئابونتلارنىڭ ناھايىتى ئاسانلا ئېغىر ئۇيقۇ دەرياسىغا غەرق بولالىشىغا ياردەم قىلالايدىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا