نىيۇيوركتىكى Brightwire News تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۈنلېي (چاقماق) تور تېخنىكا شىركىتى 10 مىليون يۈەن (بىر مىليون 600 مىڭ دوللار) باھا بىلەن Wangxin Technologies ناملىق بىر قاتتىق دېتال كارخانىسىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، بۇ شۈنلېي شىركىتىنىڭ قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىنى ئېچىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
شۈنلېي شىركىتى نۆۋەتتە ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان ئەقلىي ئىقتىدارلىق روتېرغا قارىتا ئىچكى جەھەتتە سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىدىكەن. شۈنلېي شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، شىركەت بۇ يىل ئىچىدە ئىككى خىل نۇسخىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق روتېر ئۈسكۈنىسىنى بازارغا سالىدىكەن.
شۈنلېي شىركىتىنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقارغان روتېر ئۈسكۈنىسىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئادەتتىكى ئابونت ۋە كەسپى ئابونتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىستېمالچىلار توپى بولۇپ، بۇ جەھەتتە شىياۋمى شىركىتىنىڭ كۆزلىگەن نىشانى بىلەن پەرقلىنىدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، شۈنلېي شىركىتىنىڭ ئالاقە بۆلۈمىگە مەسئۇل خادىم ئىپادە بىلدۈرۈپ، قاتتىق دېتال تېخنىكىسىنىڭ شۈنلېينىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرىنى «پارچىلاپ سېتىش» تىكى بىر ۋاستە ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە شىركەتنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىگە ئايلانمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.