چاقماق چېقىۋاتقان ۋاقىتتا يانفون ئىشلەتسە، چاقماق سوقىۋېتىدۇ دىيىشنىڭ ئىلمى ئاساسى بارمۇ؟
كىچىكىمىزدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدىن باشلاپلا بىز چاقماققا دائىر نۇرغۇنلىغان تېكىستلەرنى ئوقۇيمىز ۋە بىر قىسىم تەبىئى پەن بىلىملىرى بىلەن تونۇشىمىز،بىر قەدەر داڭلىق بولغانلىرىدىن،فرانكېلىننىڭ يامغۇرلۇق كۈندە ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ لەگلەك ئۇچۇرغانلىغى توغرىسىدىكى تېكىستتۇر، ئۇندىن باشقا ئاتا-ئانىمىزمۇ ھەر دائىم ”يامغۇر يېغىۋاتقان چاغدا دەرەخ ئاستىدا تۇرماسلىق“ ھەققىدە تەلىم بىرىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا چاقماق سوقۇۋېتىشكە سەۋەپ بولىدىغان ئامىل نىمە؟
ئەمەليەتتە ئىلىم پەن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا چاقماق سوقۇش ھادىسىسىنى چۈشەندۈرۈش ناھايتى ئاسان، يەنى قارشىلىقى كىچىك جىسىمنى ئاسان چاقماق سوقىدۇ.مەسىلەن دەرەخ ئاستىغا كىرىۋېلىپ يامغۇردىن پاناھلىنىشنى مىسالغا ئالساق،بۇلۇت قاتلىمى بىلەن يەر يۈزى ئارىسىدىكى ھاۋانىڭ قارشىلىغى بۇلۇت بىلەن يەر يۈزى ئارىسىدىكى ئارىلىق بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ،يەنى بۇلۇت بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ئۇززۇن بولسا قارشىلىق چوڭ بولىدۇ،ئارىلىق قىسقا بولسا قارشىلىقمۇ كىچىك بولىدۇ. يامغۇر يېغىۋاتقان چاغدا ، ئوخشاش بىر جايدىكى دەرەخ ،ئۆي، ئادەم قاتارلىقلارنىڭ قارشىلىغىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق،دەرەخنىڭ قارشىلىغى ئەڭ كىچىك بولىدۇ،چۈنكى دەرەخ ئۆي ۋە ئادەملەردىن كۆپ ئىگىز بولغاچقا بۇلۇت قاتلىمى بىلەن بولغان ئارىلىغى يېقىنراق بولىدۇ، شۇڭا قارشىلىقمۇ كىچىك بولىدۇ، ھاۋادىكى ئېلىكتىروننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە، زور مىقداردىكى زەرەت دەرەخ ئۇچى ئارقىلىق يەرگە قويۇپ بىرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەرەخنى چاقماق سوقۇۋېتىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ .شۇڭا يامغۇرلۇق كۈندە دەردخ ئاستىدا پاناھلىنىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر يامغۇرلۇق كۈندە مەلۇم ۋاستىلىك ئۇلىنىش سەۋەبىدىن ئادەم بىلەن بۇلۇت قاتلىمى ئارىسىدىكى قارشىلىق ھاۋنىڭ قارشىلىغىدىن كىچىك بوپ قالسا ،ئادەمنى چاقماق سوقۇۋېتىش خەۋپى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
يانفون ئىشلىتىش چاقماق سوقۇۋېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ
شۇڭا بىز دائىم ئشلىتىدىغان ھەر خىل تىپتىكى يانفونلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،
يامغۇرلۇق كۈندە يانفون ئىشلەتكەندە چاقماق سوقۇۋېتىدىغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.يانفوننىڭ ھەجمى بەك كىچىك بولغاچقا،قارشىلىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئامېرىكىدىكى داڭلىق”غەيۋەت-شىكايەتنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى“ ناملىق پىروگىراممىدا چاقماق سوقوش ھادىسىسىگە نىسبەتەن مەخسۇس تەجرىبە ئېلىپ بېرىلغان.تەجىربە جەريانىدىكى سانلىق مەلۇماتلار شۇنى ئېنىق ئىسپاتلىدىكى ”يامغۇر يېغىۋاتقاندا يانفون ئىشلىتىش“ھەرگىزمۇ چاقماق سوقۇۋېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ.
ئادەمدە نىمىشقا يامغۇرلۇق كۈندە تېلېفون ئۇرسا چاقماق سوقىۋېتىدۇ دىگەن تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ
بۇ تەسىرنىڭ پەيدا بولىشى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز قۇبۇل قىلغان ئۇچۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىز ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرەر كىشى توغرىسىدا يامغۇرلۇق كۈندە يانفون ئىشلىتىپ چاقماق سوقۇۋەتكەنلىگى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان چېغىمىزدا، ئىختىيارسىز ھالدا”يامغۇرلۇق كۈندە يانفون ئىشلىتىش چاقماق سوقۇۋېتىش “بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز.ئەكسىچە ”قانچىلىك ئادەمنى چاقماق چېقىۋاتقاندا يانفون ئىشلەتمىسىمۇ چاقماق سوقۇۋەتتى“ ۋە”قانچىلەك ئادەمنى چاقماق چېقىۋاتقاندا يانفون ئىشلەتسىمۇ چاقماق سوقۇۋەتمىدى “ دىگەن مەسىلىنى ئەسلا ئويلاپ باقمايمىز.سىزمۇ مانا مۇشۇنداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسىڭىزلا”يامغۇر ياققاندا تېلېفون ئىشلەتسە“ چاقماق سوقىۋېتىدۇ دىيىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلىغىنى بىلىپ يېتەلەيسىز.
يامغۇرلۇق كۈندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
گەرچە يامغۇرلۇق كۈندە يانفون ئىشلىىش،چاقماق سوقۇۋېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ،ئەمما كۆپچىلىك دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، يامغۇر ياققان كۈندە مۇقىم تېلېفوننى ئىشلىتىش ئىنتايىن خەتەرلىك. بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ بولسا مۇقىم تېلېفون سىم يولىنىڭ بىر قىسمى سىرتتا بولغاچقا، ئاسانلا چاقماقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ.ئەگەر سىرتتىكى سىم يولى ياكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى چاقماقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىسا،ئۇ ھالدا تېلېفون ئىشلەتكۈچىگىمۇ خەۋپ يىتىشى مۇمكىن.