ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  پەن -تېخنىكا

گۇگېلنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد يانفونى Nexus6 نىڭ ئۇچۇرى ئاشكارىلاندى

ۋاقتى : 2014-06-09  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : مەمىتىمىن

 

بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان خەۋەرلەردە گۇگېل شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىن Nexus تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىشنى توختىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، گۇگېل ھېچبولمىغاندا مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە يەنە Nexus تۈردىكى يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلىدىغان ئوخشايدۇ. تۈنۈگۈن، ئاندىرويىد گۇرۇپپىسىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئورگان بىلوگىدا شەكلىNexus 5 گە ئوخشاپ قالىدىغان «سىرلىق» بىر يانفوننىڭ رەسىمى ئاشكارىلانغان، كىشىلەر بۇ يانفوننى گۇگېلنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد يانفونى Nexus6 بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلىشقان.

رەسىمدىن قارىغاندا، Nexus6 نىڭ رەسىمى Nexus 5 بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ قالىدىغان بولۇپ، پەرقلىنىدىغان يېرى، ئۇنىڭ تۆت تەرىپى يۇمىلاق لايىھەلەنگەن، يان گىرۋىكى تېخىمۇ نېپىز چىقىرىلغان، بۇندىن ئىلگىرى خەۋەرلەردە، بۇ يانفونغا 5.2 دىيۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، بىراق، ئۇنىڭغا 2K لىق ئېكران ئىشلىتىلەمدۇ-يوق بۇنىسى نامەلۇم ئىكەن.
چەتئەلدىكى Android Geeks تور بېكىتى گۇگېل Nexus6 يانفونىغا Krait 450 قۇرۇلمىسىدىكى گاۋتوڭ 805 تىپلىق تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، Adreno 420 لىق رەسىم بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB/32GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ سەپلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. بىراق، بۇ يانفوننىڭ كامېرا ئېنىقلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق ئۇچۇر يوق.
گۇگېل شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى ئاچىدىغان I/O چوڭ يىغىنىدا، Nexus6 يانفونىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقى بەك كىچىك بولسىمۇ، بىراق، گۇگېل ھېچبولمىغاندا بۇ يانفونغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن، ئۇندىن باشقا، گۇگېل Nexus يانفونلىرى ئەزەلدىن كۈز پەسلىدە ئېلان قىلىنىپ كەلگەن بولغاچقا، Nexus6 يانفونىمۇ بۇ يىل 4-پەسىلدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا