
تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 6-ئىيۇن خەۋىرى: جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى بېيجىڭدا تۇنجى تىپتىكى مۇستەقىل ئۆز ماركىسىدىكى 4G يانفونى M811 ساتقان. شۇ كۈندىن باشلاپ مەملىكەت ئىچىدىكى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالى ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش يانفون سودا سارايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا سېتىلىدۇ، باھاسى 999 يۈەن.
M601، M701 (باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 499 يۈەن ۋە 1299 يۈەن) دىن كېيىنكى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى مۇستەقىل ماركا يانفونىنىڭ يېڭى بىر مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، M811 بۇ يىل 2-ئايدا بارسېلونا دۇنيا كۆچمە خەۋەرلىشىش يىغىنىدا تۇنجى قېتىم نامايان بولغان. بۇ يانفون جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى تەرىپىدىن ھازىرىقى بازاردىكى ئوخشاش سەپلىمىلىكلەر بويىچە ئەڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىك بەش خىل خەۋەرلىشىش ئەندىزىسى ۋە ئون خىل چاستوتا تېرمىنالىغا ئىگە يانفون، دەپ قارالغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت ئىچىدىكى تورنىڭ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش 4G يېڭى ھەققى ئېقىم مىقدارىنىڭ يەككە باھاسى %50 چۈشۈرۈلۈپ، ئابونېنتلارنىڭ 4G تورىنى ئىشلىتىش ھەققى تۆۋەنلىتىلگەن. بۇ ئاساستا ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك، تۆۋەن تەننەرخلىق 4G يانفونىنىڭ چىقىرىلىشى ئابونېنتلارنىڭ 4G تورىنى ئىشلىتىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ، تېرمىنال كاشىلىلىرىنى بېسىقتۇرۇپ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ كۈچلۈك سىلجىتىش نىشانىغا ئايلانغان.
تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئىگىللىشىچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئىزچىل تىپ ئۆزگەرتىش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ھەر قايسى چوڭ ئىنتېرنىت تور كەسپى بازىسى كەسپىنى يولغا قويۇپ، بىر قىسىم كۆچمە ئەپ شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 700 مىليون ئابونېنتقا ئىگە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىگە نىسبەتەن، ناھايىتى تەبىئىي ھالدا مەھسۇلات، مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى نۇقتىدىن نۇقتىغا ئابونېنتلارغا يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇستەقىل ماركا تېرمىنالى ئۆزىنىڭ تور، مۇلازىمەت ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىنېرنىت تور دەۋرىگە تولىمۇ ماسلىشىدىغان يېڭى مەھسۇلات.
نۆۋەتتە، جۇڭگودىكى ئەقلىي يانفون بازىرىدا ئوتتۇرا باھا، ئوتتۇرا سەپلىمىك يانفونلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، شىركەتلەر تېرمىنال قانىلى، كېڭەيتىش جەھەتتە تەبىئىي ئەۋزەللىككە، مول «ھەزىم قىلىش» ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا شىركەتلەر قاتتىق دېتال ئىشلىگەندە ئوتتۇرىدىكى باسقۇچلارنى ئازلىتالايدۇ ۋە مەلۇم كىرىمغا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، شىركەتلەر ئوتتۇرا باھا، ئوتتۇرا سەپلىمە ئورنىدا ئۆزنىڭ ماركىسىدىكى يانفون چىقىرىدۇ.
ھازىر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 4G تورى 300 دىن ئارتۇق شەھەرنى قاپلىغان بولۇپ، ئاساسىي بېكەت سانى 320 مىڭ دانە، 4G ئابونېنتلىرى 5 مىليونغا يېتىدۇ.
تەرجىمىدە: نەفىسە