13-ئىيۇل مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، «ئىككىنچى قارارلىق يىپەك يولى خەلقئارالىق يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى» 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارالىق كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلىدىكەن.
ئىگەللەشكە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 100 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، 2400 خەلقئارالىق ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى بار ئىكەن، 1500 دىن ئارتۇق كارخانا قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەل كۆرگەزمە نۇقتىسى %21.5 نى ئىگەللەيدىكەن، 200 مىڭدىن ئارتۇق كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىنى كۈتىۋېلىش مۆلچەرلەنگەن.