ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

​ئىران جۇڭگو نېفىتى بىلەن ئېچىش كېلىشىمىنى بىكار قىلىدۇ

ۋاقتى : 2014-05-01  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

سىنا تورىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋىرى: ئىران ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى ئالاقىدار توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىران جۇڭگو نېفىتى بىلەن ئىمزالىغان 2 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق نېفىتلىك ئېچىش كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن، نېفىتلىكنى ئېچىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، جۇڭگو نېفىت ئىران بىلەن ئىراق چېگىرلىنىدىغان جەنۇبىي ئازادېگان نېفىتلىكىدە 185 نېفىت قۇدۇقى ئاچىدۇ. ئەمما ئىران نېفىت مىنىستىرلىكى ئورگان تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە. 2009-يىلدىكى ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو نېفىتى پەقەت 7 نېفىت قۇدۇقى قازغان.
ئىران دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى جاۋادى:«جۇڭگونىڭ نېفىت شىركىتى توختامنى ئادا قىلمىدى، شۇڭا توختامنى توختىتىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىمىز» دېگەن.
غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ تالاش-تارتىش قوزغاۋاتقان يادرو پىلانىغا جازا يۈرگۈزگەن پەيتتە، جۇڭگو كارخانىلىرى ئىران نېفىتلىكلىرىنى ئېچىش ۋە قېزىش قاتارلىق ساھەدە ئەڭ چوڭ قاتناشقۇچى بولۇپ قالدى. جەنۇبىي ئازادېگان نېفىتلىكىنى ئېچىش كېلىشىمىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى نىشانى ھەر كۈنى 600 مىڭ تۇڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى دېيىشىچە، ئىران ئىككىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىدا جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز شىركىتىگە 90 كۈنلۈك ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغان، ئەمما جۇڭگو نېفىت شىركىتى ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىغان.
تەرجىمان: ئوكيان

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا