ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

2013-يىلدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى

ۋاقتى : 2014-01-26  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : مەمىتىمىن كۆرۈلىشى : قېتىم

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 2013-يىلنى ئەسلەيدىغان بولساق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ۋە گوۋۇيۈەن ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسمىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، ئىجتىمائىي سياسەتنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، كاپالەت ئاساسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئادىللىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى سىياسەتلىرىنى ئارقا ئارقىدىن چىقىرىپ، خەلق تۇرمۇشى مەبلەغلىرىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئاچتى.

  مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى %3.5 ئەتراپىدا ساقلاش؛ 9 مىليوندىن ئارتۇق يېڭى ئىش ئورنى كۆپەيتىش؛ كۈتىنىش پۇلىنى %10 كۆپەيتىش؛ ئوتتۇرىچە ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت خىراجىتىنى 30 يۈەنگە يەتكۈزۈش؛ 6 مىليون 300 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي سېلىپ، 4 مىليون 700 مىڭ يۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 2013-يىلدا يەتمەكچى بولغان خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچىلىرى ئىدى.

  بىر قاتار قاتتىق كۆرسەتكۈچلەر بىر ئىمتىھال سوئالى ھاسىل قىلدى، بىر تۈركۈم ھەققىي سانلىق مەلۇماتلار بولسا بۇنىڭغا جاۋاب بولدى.

  كاپالەتلىك ئۆي سېلىش يىللىق نىشان ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملاندى؛ شەھەر يېزىلادا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 3 پەسىلدىلا پۈتۈن يىللىق نىشاندىن ئېشىپ كەتتى.

  مال باھاسى پۈتۈن يىلدا %2.6 ئۆرلەپ تەڭشەپ كونترول قىلىش نىشانى پۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالدى؛ كارخانىلاردىن پىنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ كۈتىنىش پۇل سەۋىيەسى ئۇدا 9 يىل ئۆسۈپ، ھەر ئايدا كىشى بېشىغا 1893 يۈەندىن توغرا كەلدى.

  مەملىكەت بويىچە شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى جەملىنىپ ھېسابلانغاندىن كېيىن ئەمەلىيەتتە %8.1 ئېشىپ، ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ۋە ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىنمۇ ئاشتى.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئاھالە باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ پىڭپىڭ مۇنداق دېدى: 2013-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇھىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولدى، پارتىيە، مەركىزىي كومىتېت ۋە گوۋيۈەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئېتىبار بەردى، بۇنداق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلمىگە ئاسان ئەمەس.

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇساپىسى توختاپ قالغىنى يوق. نۆۋەتتە، ئىسلاھات تازا مۇھىم باسقۇچقا كىردى. خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دۆلەت ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىدىغان ئەقىل پاراسەتتىن باشقا يەنە قىيىنچىلىقنى يېڭىدىن جاسارەت بولۇشى كېرەك. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىنى كۆەش نىشانى قىلىپ، بوشاشماي ئالغا ئىگىرىلەپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىغاندىلا تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەر ۋە تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا