بىرلەشمە سەھەر گېزىتى
تورىنىڭ 28-ئۆكتەبىر خەۋىرى: ئىران رەھبەرلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان سىرىتقا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇپ، غەربنىڭ جازالىشىدىن قورقمىغان قىياپەتتە تۇردى. ئەمەلىيەتتە، جازالاش ئىراننىڭ ئىقتىسادىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
«نيويورك ۋاقىت گېزىتى» تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىران پرېزىدېنتى روھانىي يېقىندا نيۇيوركتا ب د ت يىغىنىدا مۇلايىم پوزىتسىيىنى ئىپادىلەپ، ئىمكانقەدەر ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە تېخىچە ھەل بولمىغان يادرو قورال مەسىلىسىنى ھەل قىلدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، بۇ ئىشنى تېز ھەل قىلماقچى بولغانلىقى بەلكىم باشقا سىياسىي ئامىللارنى ئويلاشقانلىقى سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن، بىراق، روھانىي ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا جازانىڭ ئىرانغا زىيان سالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
روھانىي ۋە ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زارىف بىر قانچە قېتىملىق يىغىنىدا، ئىران مالىيە ئەھۋالىنىڭ سابىق پرېزدېنىت ئەھمەد نىجاد ئېيتقان ئەھۋالدىن ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. گەرچە روھانىي بىلەن زارىف ئىراندىكى نەق پۇل كەملىك مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى توغرىسىدا كونكرېت چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما غەرب ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە، يەنە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئىراندا ئىقتىسادىي كرىزىس پارتىلىشى مۇمكىن. ئىراندىن كەلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىران ھۆكۈمىتى شەخسىي ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرلەر، بانكا ۋە شەھەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن سوممىدىكى قەرزىنى كېچىكتۈرگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خەلقئارا جازا سەۋەبىدىن ئىران نېفىت ئېكسپورتىنىڭ يېرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇرۇن ھۆكۈمەت كىرىمىدە، %80 تىن يۇقىرىسى نېفىتتىن كىرىەتتى. ئەھمەد نىجاد ئىلگىرى ئىراننىڭ يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بارلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 2013-يىل 6-ئايغىچە ئازلاپ 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتتىن ئۈچ قىسىم زاپاس پۇل ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئىسچوتىغا قويۇلغان، ئەمەلىي ئىشلىتەلەيدىغان زاپاس پۇلى پەقەت 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، غەربنىڭ جازاسى ئىراننى دۇنيا بانكىسى سېستىمىسىدىن چىقىرىپ تاشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولغاچقا، ئېلېكترونلۇق سودا قىلىشقا ئامالسىز قالغان. بۇ سودا تەننەرخىنى ئۆستۈرۈۋەتكەن، سودىگەرلەر بىر نەچچە قاتلام ۋاسىتىچىلارغا ئارتۇق پۇل خەجلەيدىغان بولغاچقا، سودىنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىشقا بولمىغان.
بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام ئەمەلدارلار ۋە سودىگەرلەر ئىران ئىقتىساد ھالىتىگە قارىتا ئەندىشىدە بولغان، بەزىلىرى دۆلەت ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، دەپ قارايدىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ئىقتىساد ئانالىزچىسى:«ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسى ئاستا بولۇپ، ئۆز ئۆزىنى ياخشى دەپ قارايدۇ.ئۇلار ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىشقا باشلىدى» دېگەن.