
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزلەر ئەتراپىدا، گۈيياڭ شەھىرىدىكى گۈيياڭ-زۈنيى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شيۇۋېن يولى بۆلىكىدە زەنجىرسىمان قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قاپسىلىپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت ئادەم ئۆلۈپ، بىرسى يارىلانغان، بىرسى ئوڭۇشلۇق قېچىپ قۇتۇلغان، گۈيياڭ شەھىرىنىڭ 12 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى، قاتناش ساقچىسى، 120 قۇتقۇزۇش ئەترىتى نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان.


