شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئېلېكترونلۇق پويىز قاتنىدى
ۋاقتى : 2014-05-15 مەنبەسى : يوللىغۇچى : ئابدۇللا
5- ئاينىڭ 13- كۈنى، «ئىناق» ناملىق ئېلېكترونلۇق پويىز تۇنجى قېتىم لەنجۇ- شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2- قوش لىنىيەسىدىن شىنجاڭغا كىردى، مۆلچەرلىنىشچە 15- ماي كېچە سائەت ئىككى ئەتراپىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋال شىنجاڭ تۆمۈر يول ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول دەۋرىگە كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشچە، لەنجۇ- شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2- قوش لىنىيەسى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لەنجۇ شەھىرى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بولۇپ، 2009- يىلى 11- ئاينىڭ 4- كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان، قۇرۇلۇشنى بەش يىلدا تاماملاش مۆلچەرلەنگەن. بۇ تۆمۈر يول لىنىيەسى شەرقتە لەنجۇ شەھىرىنىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې، جيۇچۈەن، جيايۈگۈەن دېگەن جايلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل، تۇرپان ۋىلايىتىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالىغا كىرىدۇ، لايىھەلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر. بۇ تۆمۈر يول يەنە شىنجاڭ چېگرىسىدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى پويىز قاتناش مۆلچەرلەنمەكتە.