ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

خەلقئارا جەمئىيەت شى جىنپىڭنىڭ سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىغا باھا بەردى

ۋاقتى : 2014-02-06  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

رۇسىيە فېدېراتسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-فېۋرالدىن 8-فېۋرالغىچە رۇسيەنىڭ سوچى شەھىرىگە بېرىپ 22-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. بۇ جۇڭگو دۆلەت رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەللەردە بۇ خىل چوڭ تىپتىكى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە قاتنشىشى ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى زاتلار، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى قۇيۇق ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم يۆلىنىشى دەپ ھېسابلاشتى.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاكادېمىك تىتاليانكو مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە رۇسىيەنىڭ ئولىمپىكنى ئۆكتۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن، زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتىدە رۇسىيەگە كەلدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىم رۇسىيەگە يەنە زىيارەتكە كېلىشى جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئادەتنى بۇزۇپ تۇنجى قېتىم چەتئەللەردە بۇ خىل چوڭ تىپتىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنشىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى تۇنجى ئىش رۇسىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، قىشلىق ئولىمپىكتەك بۇ خىل خەلقئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنشىش ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە تەنھەرىكەت دىپلوماتىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئىككى تەرەپنىڭ ئەل ئارا ئالاقىسىنى كېڭەيتىش، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولىدۇ.

ئامېرىكا بىرۇكىنىس ئىلمىي جەمئىيىتى جون سانتون جۇڭگو مەركىزىنىڭ تەتقىقات مۇدىرى لى چىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو رەھبىرىنىڭ چەتئەلدىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قاتنىشىشى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىجابىي تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

كورىيەدە چىقىدىغان «خەلق گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ۋە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆز ئارا زىيارەتتە بولۇشى بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان قويۇق دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ ھېسابلاندى. كورىيەدە چىقىدىغان «كۇڭياڭ خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ خەلقئارا بېتىدە ئېلان قىلىغان ماقالىدە، جۇڭگونىڭ يېڭى رھبەرلىك قاتلىمى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت رەھبىرى سالاھىيىتى بىلەن سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىگە ئېتىبار بەرگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى، دېيىلدى.

خەلقئارا جەمئىيەت جىنپىڭنىڭ سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىغا باھا بەردى
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا