شىنخۇا تورىنىڭ 14-يانۋار خەۋىرى: شەنشى فۇپىڭ ناھىيىسى ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى (张淑侠) جاڭ شۇشيا 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بوۋاقلارنى ئالداپ ساتقانلىقتىن ،ۋېينەن ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
سوت مەھكىمسى يەنە جاڭ شۇشيانىڭ بارلىق شەخسىي مۈلۈكىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
جاڭ شۇشيا كۆپ قېتىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنڭ ئاتا-ئانىسىغا يالغاندىن بوۋاقنىڭ تۇغما يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقىنى ياكى مېيىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بالىدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىپ، كېيىن بوۋاقلارنى شەنشىدىن كەلگەن ئىككى ئادەم بېدىكىگە ساتقانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن.
جاڭ شۇشيا 6 قېتىمدا 7 بالىنى ئالداپ ساتقان ھەمدە 1 بالىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئۈچۈن سوتلانغان.
بىراق جاڭ شۇشيانىڭ دېلوسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئون نەچچە ئائىلىلىك دېلو مەلۇم قىلىپ ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭمۇ ئالداپ سېتىلغانلىقتىدىن گۇمانلانغان.
تەپتىش مەھكىمىسى سوتتا، جاڭ شۇشيانىڭ قىلمىشىنىڭ قانۇنسىز بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاممىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بولغان ئىشەنچىنى يوققا چىقىرىپ، جەمئىيەتكە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
جاڭ شۇشيا سوت مەھكىمىسىدە گۇناھىنى تونۇغان ھەمدە ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بوۋاقلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئەپۇ سورىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، فۇپىڭ ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ھەمدە تۇغۇت ئۆيى مەسئۇلى 1-ئاينىڭ بېشىدا، جاڭ شۇشيا دېلوسى سەۋەبلىك ۋېينەن (渭南) شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان.
ئۇلار خىزمەتكە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، جاڭ شۇشيانىڭ ئۇزۇن مەزگىل بالىلارنى ئالداپ سېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، كەسپىي ئورۇن خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
مەزكۇر 4 ئەيىبلەنگۈچى سوت مەھكىمىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئەپۇ سورىغان.
تەرجىمىدە: ئاينۇر