ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

شى جىنپىڭ ۋان رومپىي ۋە باروسو بىلەن كۆرۈشتى

ۋاقتى : 2013-11-21  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن دياۋيۇتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا 16-قېتىملىق جۇڭگو ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان رومپىي ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروسو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك 3-ئومومىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرلەيمىز. ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشمۇ نەچچە ئەسىردىن بۇيانقى ياۋروپالىقلار ئىنتىلگەن تىنچ گۈللىنىش ئارزۇسى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا باشقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدا ماڭماقتا، باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشنى قىلماقتا. ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، بىر-بىرىنى قوللاش، بىر-بىرىگە كەڭ قۇرساق بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا تارىخى ئۆزگىرىش يۆنىلىشىگە نەزەر تاشلاپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋە ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدا جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتىگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى توغرا بېكىتىپ، يەر شارى كەسىپ تەرەققىياتى ئۆزگىرىشىدە جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

ۋان رومپىي، باروسسو مۇنداق دېدى: ياۋروپا جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىياتىغا ئاپرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىشى ياۋروپاغا نىسپەتەن ناھايىتى مۇھىم. ياۋروپا جۇڭگونىڭ ئىشەنگەنلىكىگە ۋە قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو بىلەن سۆزلىشىشنى ساقلاپ، ئۆز-ئارا ئىشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ سېلىش كېلىشىم سۆھبىتىنى بالدۇرراق تاماملاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق - ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :13999939240 _ 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا